«Super» كۇنۇپكىسى قانداق كۇنۇپكا؟

بۇ كۇنۇپكا ئادەتتە ھەرپتاختىسىنىڭ سول توۋەن قىسمىدا، Alt كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدا بولىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ ئۈستىدە ۋىندوۋسنىڭ سىنبەلگىسى بار. ئۇنى ۋىندوۋس كۇنۇپكىسى، تۇغ(logo) كۇنۇپكىسى ياكى سىستېما كۇنۇپكىسى دەپمۇ ئاتايدۇ.

ئەگەر Apple ھەرپتاختىسى ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئۇنىڭدا ۋىندوۋس كۇنۇپكىسى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا Cmd (بۇيرۇق) كۇنۇپكىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

مەزكۇر Super كۇنۇپكىسى Unity دا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە. Super كۇنۇپكىسى بېسىلسا باش تاختا كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئۇنى بىر دەم بېسىپ تۇرسا، Unity دا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تېزلەتمە كۇنۇپكىلار كۆرۈنىدۇ.

مەزكۇر Super كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتىپ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندىن كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىشىنى تېزلەتمە كۇنۇپكىلار دىن كۆرۈڭ.