يان كومپيۇتېرنىڭ ئېكراننى ياپسا نېمىشقا كومپيۇتېر ئېتىلىپ قالىدۇ؟

يان كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ياپسىڭىز كومپيۇتېر توك تېجەش ئۈچۈن ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىدۇ. بۇ دېگەنلىك كومپيۇتېرىڭىز ئەمەلىيەتتە تاقالمىدى، پەقەت ئۇخلاش ھالىتىگە ئۆتتى خالاس. كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ئىچىش ئارقىلىق ئويغىتالايسىز، ئويغانمىسا چاشقىنەكنى ياكى كۇنۇپكىنى بېسىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يەنىلا ئويغانمىسا توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كۆرۈڭ.

بىر قىسىم كومپيۇتېرلار نورمال ئۇخلاش ھالىتىگە كىرەلمەيدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ قاتتىق دېتالى ئۇنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى تەرىپىدىن تولۇق قوللانمىغان بولىدۇ (مەسىلەن Linux نىڭ قوزغاتقۇچلىرى تولۇق ئەمەس). بۇنداق ئەھۋالدا، سىز كومپيۇتېرنىڭ ئېكراننى ياپقاندىن كىيىن ئېكراننى ئىچىش ئارقىلىق قوزغىتالماسلىقتەك ئەھۋالغا ئۇچرايسىز. ئۈچەككە كىرىشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نى سىناپ كۆرۈڭ ياكى كومپيۇتېرنىڭ ئېكراننى ياپقاندا كومپيۇتېرنىڭ ئۈچەككە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالسىڭىز بولىدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ ئېكراننى ياپقاندا كومپيۇتېرنىڭ ئۈچەككە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

كومپيۇتېرنىڭ ئېكراننى ياپقاندا كومپيۇتېرنىڭ ئۈچەككە كىرىشىنى خالىمىسىڭىز، بۇنىڭغا قارىتا تەڭشەكنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ:

بۇ تەڭشەكنى ئۆزگەرتكەندە ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىڭ بىر قىسىم كومپيۇتېرلارنىڭ ئېكراننى ياپقاندا ھەددىدىن ئارتۇق قىزىش يۈز بېرىدۇ، بولۇپمۇ ئارتما سومكا دېگەندەك ھاۋا ئالماشمايدىغان ئورۇندا تېخىمۇ شۇنداق.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. قاتتىق دېتال بۆلىكىدىن تك مەنبە نى چېكىڭ.

  3. ئېكران قاپقاقنى ياپقاندا يېنىدىكى تاللاش تىزىملىكىدىن ھېچنېمە قىلمانى تاللاڭ.