كومپيۇتېرنى توڭلاتقاندىن كېيىن نېمىشقا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ؟

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنى توڭلات ھالىتىگە ياكى ئۈچەك ھالىتىگە ئەكېلىپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئويغاتسىڭىز ياكى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز، سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بەلكىم سىزنىڭ قاتتىق دېتالىڭىز توڭلات/ئۈچەك ھالەتنى نورمال قوللىمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

كومپيۇتېرىمنى توڭلات ھالىتىدىن ئويغىتالمىدىم

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنى توڭلات ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسىڭىز، خالىغان كۇنۇپكىنى باسسىڭىز ياكى چاشقىنەكنى چەكسىڭىز كومپيۇتېر ئويغىنىشى شۇنداقلا سىزدىن ئىمنى سورايدىغان ئېكران كۆرۈنۈشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ(بېسىپ تۇرۇۋالماڭ، بىر قېتىم باسسىڭىزلا بولىدۇ).

ئەگەر بۇنىڭ ياردىمى بولمىسا، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېكرانى قوزغىتىلغان ھالەتتىمۇ يوق تەكشۈرۈپ بېقىڭ ھەمدە ھەرپتاختىسىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ سىناپ كۆرۈڭ.

ئاخىرقى بىر ئۇسۇل سۈپىتىدە، كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى 5-10 سېكۇنت بېسىپ تۇرۇپ كومپيۇتېرنى تاقاڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ساقلانمىغان خىزمەتلىرىڭىزنى يوقىتىپ قويسىز. ئەمدى كومپيۇتېرنى قوزغىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز.

ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال سىز كومپيۇتېرنى ھەر قېتىم قوزغاتقاندا يۈز بەرسە، توڭلىتىش ئىقتىدارى سىزنىڭ قاتتىق دېتالىڭىزدا نورمال ئىشلىمىگەن بولۇش ئېھتىماللىقى بار.

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ باشقا توك مەنبەسى (ئىشلەتكىلى بولىدىغان توكدانغا ئوخشاش) بولمىسا ئۇ تاقىلىدۇ.

كومپيۇتېرنى ئاچقاندا مىنىڭ پروگراممىلىرىم/ھۆججەتلىرىمنىڭ ھېچقايسى ساقلانمىدى

ئەگەر سىز كومپيۇتېرىڭىزنى ئۈچەك ھالىتىگە ئۆتكۈزۈپ قايتا ئاچقان ۋاقتىڭىزدا ھۆججەتلىرىڭىز ياكى پروگراممىلىرىڭىزدىن ھېچقانداق بىرى ئوچۇق ھالەتتە بولمىسا،نورمال ئۈچەككە كىرىشتە مەغلۇپ بولغان ئېھتىماللىقى بار.بەزى ۋاقىتلاردا كىچىك بىر مەسىلىلەر سەۋەبىدىن بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، كېيىنكى قېتىم ئۈچەك ھالەتكە نورمال كىرەلەيدۇ.كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاشمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ سەۋەبچى؛ بۇ خىل ئەھۋالدا، كومپيۇتېر ئۈچەككە كىرىشنىڭ ئورنىغا ئۆچۈرۈلۈشى مۇمكىن

قاتتىق دېتالنىڭ نورمال قوللىماسلىق سەۋەبىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۈچەككە كىرىشنى قوللىماسلىق ئېھتىماللىقىمۇ بار. بۇ بەلكىم قاتتىق دېتالىڭىزنىڭ Linux قوزغاتقۇسىدىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. سىز قايتا ئىككىنچى قېتىم ئۈچەككە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئىشلىمەيدىغانلىقىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قوزغاتقۇسىدىكى مەسىلە بولغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار.

كومپيۇتېرنى ئويغاتقاندا مىنىڭ سىمسىز ئۇلىنىشىم(ياكى باشقا قاتتىق دېتاللار) ئىشلىمىدى

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنى توڭلات ياكى ئۈچەك ھالىتىگە كىرگۈزۈپ ئۇنى ئويغاتسىڭىز، ئىنتېرنېت باغلىنىشىڭىز، چاشقىنەك ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكتەك ئەھۋالغا يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۈسكۈنە قوزغاتقۇسىنىڭ توڭلات/ئۈچەكنى قوللىماسلىقى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قوزغاتقۇچتىكى مەسىلە بولۇپ ئۈسكۈنىدىكى مەسىلە ئەمەس.

ئەگەر ئۈسكىنىنىڭ ئۆزىدە توك مەنبە كۇنۇپكىسى بولسا، ئۇنى ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغىتىپ بېقىڭ.كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۈسكۈنە قايتىدىن نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر USB سىمى ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان سىم ئارقىلىق ئۇلانغان بولسا ئۈسكۈنىنى چىقىرىپ قايتا چېتىپ ئىشلەمدۇ يوق سىناپ بېقىڭ.

ئەگەر ئۈسكۈنىنى تاقاپ/چىقىرىۋېتەلمىسىڭىز ياكى ئۇ ئىشلىمىسە، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ نورمال ئىشلىتىشى ئۈچۈن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.