توكنى تېجەش ۋە باتارېيىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش

كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىدىغان توك مىقدارى كۆپ. بىر قىسىم ئاددىي بولغان ئېنېرگىيە تېجەش پىلانى ئارقىلىق ئىقتىسادنى تېجەش بىلەن بىرگە مۇھىت ئاسراشقا ياردەم قىلالايسىز. ئەگەر يان كومپيۇتېرىڭىز بولسا بۇ ئارقىلىق باتارېيىدە خىزمەت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

كۆپ ئۇچرايدىغان ھۈنەرلەر

  • كومپيۇتېرنى ئىشلەتمىسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنى ئۈچەك ھالىتى گە ئۆزگەرتىڭ. بۇ كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىدىغان توك مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىدۇ، شۇنداقلا تىزلا ئەسلدىكى ھالەتكە قايتۇرغىلى بولىدۇ.

  • ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىشلەتمەيدىغان بولسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنىڭ توك مەنبەسىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ. كۆپىنچە كىشىلەر كومپيۇتېرنى قەرەللىك ئۆچۈرۈش كومپيۇتېرنىڭ بالدۇر بۇزۇلۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. بۇ ئانچە توغرا ئەمەس ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

  • سىستېما تەڭشەكلەردىكى توك مەنبە تەڭشىكىدە كۆپ خىل توك تېجەش تاللانمىسى بار. سىز بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئېكراننى سۇسلاشتۇر ياكى ئۇيقۇ ھالەتكە كىرگۈزۈش؛ ئېكران يورۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش ئېلىپ بارالايسىز؛ ئەگەر بىر مەزگىل ئىشلەتمىسىڭىز ئۇنداقتا كومپيۇتېرنى ئۆزلۈكىدىن ئۇيقۇ ھالەتكە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

  • ئىشلەتمىسىڭىز سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ(پرىنتېر ۋە شويلىلىغۇچ دېگەندەك).

يان كومپيۇتېر، تور كومپيۇتېر ۋە باشقا باتارېيە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر

  • ئېكراننىڭ نۇرىنى تۆۋەنلىتىش؛ يان كومپيۇتېرنىڭ توك سەرپىياتىنى مەلۇم مىقداردا ئازايتىدۇ.

    كۆپىنچە يان كومپيۇتېرنىڭ ھەرپتاختىسىدا(ياكى ھەرپتاختىدىكى تېزلەتمە كۇنۇپكا) ئېكراننىڭ نۇرىنى تەڭشەيدىغان كۇنۇپكا بار بولغان بولىدۇ.

  • ئەگەر ئىنتېرنېتنى ئىشلەتمىسىڭىز سىمسىز/كۆكچىش كارتىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، بۇ ئۈسكۈنىلەر رادىئو دولقۇنىنى تارقىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم توكنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    بىر قىسىم كومپيۇتېرلارنىڭ ئۇلارنى ئالماشتۇرىدىغان فىزىكىلىق ئالماشتۇرغۇچى بولسا ، يەنە بەزىلىرىدە تېزلەتمە كۇنۇپكا بولىدۇ، ئىشلەتمەكچى بولغاندا يەنە ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار

  • ئارقىدا ئىجرا بولۇۋاتقان ۋەزىپىلەرنى ئازايتىش. كومپيۇتېرنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى كۆپ بولسا ئىشلىتىدىغان ئېنېرگىيىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.

    كۆپىنچە ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىلارنىڭ ئىشلەتمىگەن شارائىتتىكى سەرپىياتى ناھايىتى ئاز ، بىراق قەرەللىك ھالدا ئىنتېرنېتتىن سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىدىغان ، مۇزىكا ياكى كىنو قويىدىغان ياكى تەڭ ھېسابلاش ئېلىپ بارىدىغان پىروگراممىلارنىڭ ئېنېرگىيە خورىتىشىغا تەسىرى كۆرۈنەرلىك.