ئىنتېرنېت بەك ئاستا

ئىنتېرنېت ئىشلەتكەندە تور تېزلىكى بەك ئاستا بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى بار.

توركۆرگۈنى تاقاپ قايتا ئېچىڭ، ئىنتېرنېت باغلىنىشىنى ئۈزۈپ قايتا باغلاپ سىناڭ. (مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئىنتېرنېت باغلىنىشىنىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىك ئامىللىرىنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.)

  • كۈننىڭ ئالدىراش مەزگىلى

    ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئادەتتە ئىنتېرنېت باغلىنىشىنى كۆپ ئائىلە ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ. گەرچە سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېلفون سىمى ياكى كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن ئايرىم باغلانسىڭىزمۇ ئەمما تېلېفون كوممۇتاتورى بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ قالغان قىسمىنىڭ باغلىنىشى ئەمەلىيەتتە كۆپ كىشى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ھەمبەھىر ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا نۇرغۇن قوشنىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىۋاتقان بولسا تورنىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. قوشنىلىرىڭىز ئىنتېرنېتنى زىيارەت (مەسىلەن، كەچقۇرۇن) قىلىۋاتقاندا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇش ئېھتىمالى چوڭ.

  • بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈرۈش

    بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ھۆججەتنى چۈشۈرگەندە ياكى سىن كۆرگەندە، ئىنتېرنېتنىڭ تېزلىكى يېتەرلىك تېز بولمىسا ئاستىلاپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىسىز.

  • ئىشەنچسىز باغلىنىش

    بەزى ئىنتېرنېت باغلىنىشلىرى ئىشەنچلىك ئەمەس، بولۇپمۇ ۋاقىتلىق باغلانغان ياكى ئېھتىياج كۆپ رايوندىكى باغلىنىش. ئەگەر سىز ئېھتىياج زىچ توپلانغان قەھۋەخانا ياكى يىغىن مەركىزىدە بولسىڭىز، ئىنتېرنېت باغلىنىشى ناھايىتى ئالدىراش ياكى ئىشەنچلىك بولماسلىقى مۇمكىن.

  • سىمسىز تور سىگنالى بەك ئاجىز

    ئەگەر سىمسىز تور (wifi) بىلەن ئىنتېرنېتقا باغلانسىڭىز، ئۈستىدىكى تاختىنىڭ چوققىسىدىكى تور تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ، سىگنالنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەڭ. ئەگەر سىگنال ناچار بولسا ئۇنداقتا ئىنتېرنېتنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ چۈنكى سىزنىڭ سىگنالىڭىز ئاجىز.

  • ئىشلىتىۋاتقان كۆچمە تور باغلىنىشىنىڭ سۈرئىتى ئاستا

    ئەگەر سىز كۆچمە تور باغلىنىشى ئىشلەتسىڭىز ھەمدە سۈرئەتنىڭ ئاستىلىقىنى بايقىسىڭىز ئۇنداقتا سىگنال ئاجىز رايونغا كىرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئىنتېرنېت باغلىنىشى ئۆزلۈكىدىن 3G غا ئوخشاش «كۆچمە كەڭ بەلباغ» باغلىنىشىدىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئەمما ئاستىراق بولغان GPRS كە ئوخشاش باغلىنىشقا ئالمىشىدۇ.

  • تور كۆرگۈدە مەسىلە بار

    بەزىدە توركۆرگۈ سۈرئەت ئاستىلاپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن سىز توركۆرگۈ ئادەتتىكىدەك يۈكلىيەلمەيدىغان تورتۇرانى زىيارەت قىلدىڭىز ياكى سىز توركۆرگۈنى ئاچقان ۋاقتىڭىز بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن. توركۆرگۈنىڭ ھەممە كۆزنەكلىرىنى تاقاشنى سىناپ ئاندىن توركۆرگۈنى قايتا ئېچىپ بايىقى بىلەن پەرقى بار يوقلۇقىنى كۆرۈڭ.