ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ ئالدىن كۆرسىتىش مايىللىقلىرى

ھۆججەت باشقۇرغۇ سۈرەت ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى ئالدىن كۆرۈشتە كىچىك سۈرەت(thumbnails) ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداقتا تېكىست ۋە ئۈن ھۆججەتلىرىنىمۇ ئالدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. توردىكى ياكى چوڭ ھۆججەتلەرنى ئالدىن كۆرسە ئاستا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئالدىن كۆرۈشنى(كىچىك سۈرەتنى) قانداق چاغدا ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى تىزگىنلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆججەت باشقۇرغۇ كۆزنىكىدە تەھرىر ◂ مايىللىق چېكىپ ئاندىن ئالدىن كۆرۈش بەتكۈچىنى تاللىسا بولىدۇ.

ئادەتتە كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى ياكى سىرتقى قوزغاتقۇچلاردىكى ھۆججەتلەرنى ئالدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ھۆججەت باشقۇرغۇ يەرلىك تور ياكى ئىنتېرنېتتىكى باشقا كومپيۇتېرنىڭ ھۆججەتلىرىنىمۇ كۆرەلەيدۇ. يەرلىك توردىكى ھۆججەتلەرنى ھەمىشە كۆرسىڭىز ھەم تور سۈرىتى يېتەرلىك تېز بولسا ئالدىن كۆرۈش تاللانمىسىنى ھەمىشە قىلىپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.

تېكىست ھۆججەتلەر

ئادەتتىكى تېكىست ھۆججەتلىرىنىڭ سىنبەلگىسى خەت يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەزگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھۆججەت باشقۇرغۇ ھۆججەتنىڭ باش قىسمىدىن بىر نەچچە قۇرنى سىنبەلگىدە كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىقتىدارنى ئىناۋەتلىك ياكى ئىناۋەتسىز قىلىشقا ياكى كومپيۇتېر ۋە ئۇنىغا ئۇلانغان دىسكىلارغا نىسبەتەنلا ئىناۋەتلىك قىلىشقا بولىدۇ.

باشقا ئالدىن كۆرۈشكە بولىدىغان ھۆججەتلەر

ھۆججەت باشقۇرغۇ سۈرەتلەر، سىنلار، PDF ھۆججەتلەر ۋە باشقا ھەر خىل تىپتىكى ھۆججەتلەرگە نىسبەتەن كىچىك سۈرەت(thumbnails)لەرنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىدۇ. ئۆزگىچە(custom) ھۆججەت تىپى ئىشلىتىدىغان پروگراممىلارمۇ، ئۆزگىچە ھۆججەتنىڭ كىچىك سۈرىتىنى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدىغانلىرىمۇ بار. بۇ ئىقتىدارنى ئىناۋەتلىك ياكى ئىناۋەتسىز قىلىشقا ياكى كومپيۇتېر ۋە ئۇنىغا ئۇلانغان دىسكىلارغا نىسبەتەنلا ئىناۋەتلىك قىلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا مەلۇم چوڭلۇقتىن كىچىك بولغان ھۆججەتلەرنىڭ كىچىك سۈرىتىنى ھاسىل قىلىدىغان قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

قىسقۇچلار

ئەگەر ھۆججەت چوڭلۇقىنى تىزىم كۆرۈنۈشى ئىستونى ياكى سىنبەلگە تېكىستى دا كۆرسەتكەندە، قىسقۇچنىڭ چوڭلۇقى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەت ۋە قىسقۇچنىڭ سانى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قىسقۇچنىڭ ئىچىدە ھۆججەت ۋە قىسقۇچلار بەكلا كۆپ بولسا ياكى قىسقۇچ توردىكى قىسقۇچ بولسا، ئۇلارنىڭ سانىنى ساناشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىپ قالىدۇ. بۇ ئىقتىدارنى ئىناۋەتلىك ياكى ئىناۋەتسىز قىلىشقا ياكى كومپيۇتېر ۋە ئۇنىغا ئۇلانغان دىسكىلارغا نىسبەتەنلا ئىناۋەتلىك قىلىشقا بولىدۇ.