ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ كۆرسىتىش مايىللىقلىرى
ھۆججەت باشقۇرغۇدا ھۆججەتلەرنى كۆرسەتكەندە سىنبەلگىنى، چېسلانىڭ پىچىمى قاتارلىقلارنى قانداق كۆرسىتىدىغانلىقنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. بىرەر ھۆججەت باشقۇرغۇ كۆزنىكىدە تەھرىرلەش ◂ مايىللىق نى چېكىپ ئاندىن كۆرسىتىش بەتكۈچىنى تاللايسىز.
چېسلا پىچىمى
ھۆججەتنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن چېسلانى سىنبەلگە تېكىستىدە ياكى تىزىم كۆرۈنۈشنىڭ ئىستونىدا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا چېسلانىڭ پىچىمىنىمۇ پىچىم تىزىمىدىن تاللاشقا بولىدۇ. پىچىملار ھەر خىل بولۇپ، بۈگۈن ۋە تۈنۈگۈن دېگەندەكلەرنىمۇ تاللاشقا بولىدۇ. ھەر بىر پىچىم تاللانسا ئۇنىغا ماس كېلىدىغان مىسال كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.