مۇلازىمېتىردا ياكى تور ھەمبەھىرىدە ھۆججەتنى كۆرۈش

ھۆججەتنى مۇلازىمېتىردا كۆرۈش ئۈچۈن مۇلازىمېتىرغا ياكى تور ھەمبەھىرگە ئۇلاش ئېلىپ بارالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىدا كۆرگەندەك كۆرەلەيسىز. بۇ ئىنتېرنېتتىن ھۆججەت چۈشۈرۈش ياكى يۈكلەشتە ، ياكى يەرلىك توردا ھۆججەتلەرنى ئۆزئارا ھەمبەھىرلەشتە قۇلايلىق.

توردىن ھالقىپ ھۆججەتكە كۆز يۈگۈرتۈشتە، ھۆججەت باشقۇرغۇچنى ئاچىپ ئاندىن، يان كۆزنەكتىنتورغا كۆز يۈگۈرتنى چېكىڭ ياكى يۆتكەل دېگەن تىزىملىكتىن تور نى تاللاڭ. ھۆججەت باشقۇرغۇچى يەرلىك تورغا ئۇلانغان ھۆججەتنى تەمىنلىيەلەيدىغان كومپيۇتېرىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئىنتېرنېتتىكى مۇلازىمېتىرغا ئۇلىماقچى بولسىڭىز ياكى ئىزدەۋاتقان كومپيۇتېرىڭىزنى تاپالمىسىڭىز، ئىنتېرنېت / تور ئادرېسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق قولدا ئىزدەش ئىلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

ھۆججەت مۇلازىمېتىرىغا باغلىنىش

  1. ھۆججەت باشقۇرغۇچىدا ھۆججەت ◂ مۇلازىمېتىرىغا ئۇلا نى چېكىڭ.

  2. مۇلازىمېتىر ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ ، مۇلازىمېتىر تىپنى تاللاڭ ھەمدە تەلەپ قىلىنغان باشقا ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ ئۇلا نى چېكىڭ. مۇلازىمېتىرنىڭ تىپى تۆۋەندىكى تىزىمدىكىدەك

    ئادەتتە ئىنتېرنېتتىكى مۇلازىمېتىرلارغا ساھە نامىنى (مەسىلەن ftp.example.com) ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. يەرلىك توردىكى كومپيۇتېرلارغا كومپيۇتېرنىڭ ساندىن تەركىب تاپقان IP ئادرېسى نى ئىشلىتىشىڭىزگە توغرا كېلىشى مۇمكىن.

  3. مۇلازىمېتىردىكى ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېردا ھۆججەتلەرنى كۆرگەندەك كۆرسىڭىز بولىدۇ.

    مۇلازىمېتىرمۇ يان كۆزنەككە قېتىلىدۇ، كېيىنكى قېتىم يان كۆزنەكتىن تىزلا زىيارەت قىلالايسىز.

ئوخشىمىغان تىپتىكى مۇلازىمېتىرلار

ئوخشاش بولمىغان مۇلازىمېتىرغا ئۇلىيالايسىز. بەزى مۇلازىمېتىرلار ئاممىۋى بولۇپ ھەرقانداق كىشىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا بولىدۇ. باشقا مۇلازىمېتىرلار ئىشلەتكۈچى ئىسمى ۋە ئىمنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇلازىمېتىردا ھۆججەتكە قارىتا بەزى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن . مەسىلەن ئاممىۋى FTP دا ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

مۇلازىمېتىرلارنىڭ تىپلىرى

SSH

ئەگەر مۇلازىمېتىردا secure shell ھېساباتىڭىز بولسا ، بۇ ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ مۇلازىمېتىرغا ئۇلىسىڭىز بولىدۇ. كۆپىنچە تور مۇلازىمىتى ئەزالىرىغا SSH ھېساباتى تەمىنلەيدىغان بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئۇلار بىخەتەر ھالدا ھۆججەت يۈكلەش ئېلىپ بارالايدۇ. SSH مۇلازىمېتىرى ھەر دائىم سىزدىن تىزىملىتىپ كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر secure shell ئاچقۇچى ئىشلىتىپ كىرمەكچى بولسىڭىز ئىم بۆلىكىنى قۇرۇق قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

SSH نى ئىشلەتكەندە سىز يوللىغان(ئىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بارلىق ئۇچۇرلار شىفىرلىنىدۇ بۇنىڭ بىلەن توردىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر بۇنى كۆرەلمەيدۇ.

FTP (تىزىمغا كىرىش زۆرۈر)

P بولسا ئىنتېرنېتتا ھۆججەت ئالماشتۇرۇشتا ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلار شىفىرلانمايدىغانلىقى ئۈچۈن ، ھازىر كۆپىنچە مۇلازىمېتىرلار SSH ئارقىلىق زىيارەت قىلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق بىر قىسىم مۇلازىمېتىرلار تېخىچە FTP ئىشلىتىشكە يول قويىدۇ ياكى FTP نى ئىشلىتىپ ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈش ياكى يۈكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە FTP غا تىزىملىتىپ كىرگەندە كۆپىنچە ھاللاردا ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش ۋە يۈكلەشكە يول قويۇلغان بولىدۇ.

ئاممىۋى FTP

چۈشۈرۈشكە يول قويغان بېكەتلەر بەزى ھاللاردا ئاممىۋى ياكى نامسىز ھالدا FTP نى زىيارەت قىلىشقا يول قويغان بولىدۇ. بۇنداق مۇلازىمېتىرلار ئىشلەتكۈچىدىن ئات ۋە ئىم تەلەپ قىلمايدۇ ھەمدە كۆپىنچە ھالدا سىزنىڭ ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشىڭىزگە يول قويمايدۇ.

بىر قىسىم ئىمزاسىز FTP مۇلازىمېتىرلىرى ئاممىۋى ئىشلەتكۈچى ئاتى ۋە ئىم ئارقىلىق كىرىشنى، ياكى ئاممىۋى ئىشلەتكۈچى ئاتى بىلەن ئىم سۈپىتىدە ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مۇلازىمېتىرلاردا FTP (تىزىمغا كىرىش زۆرۈر) ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ، مۇلازىمېتىر بەلگىلىگەن ئىشلەتكۈچى ئاتى ۋە ئىم ئارقىلىق كىرىش زۆرۈردۇر.

Windows ھەمبەھىر

Windows كومپيۇتېرلىرىدا ئىگىسى بار كېلىشىم ئىشلىتىپ، ھۆججەتلەرنى يەرلىك توردا ھەمبەھىرلەيدۇ. تەرتىپكە سېلىش ۋە باشقۇرۇشقا قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن، Windows تورىدىكى كومپيۇتېرلار بەزىدە دائىرە(domain) بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن. ئەگەر يىراقتىكى كومپيۇتېرىدا مۇۋاپىق ئىمتىيازىڭىز بار بولسا، ھۆججەت باشقۇرغۇ ئارقىلىق Windows ھەمبەھىرىگە باغلىنالايسىز.

WebDAV ۋە بىخەتەر WebDAV

بۇ HTTP كېلىشىمى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، WebDAV نى ئىشلىتىپ ھۆججەتلەرنى يەرلىك توردا ھەمبەھىرلىگىلى ۋە ئىنتېرنېتتا ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر باغلانماقچى بولغان مۇلازىمېتىر بىخەتەر باغلىنىشنى قوللىسا، چوقۇم شۇنى ئىشلىتىڭ. بىخەتەر WebDAV دە بىخەتەرلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان SSL شىفىرلاش ئىشلىتىلگەن بولۇپ، باشقىلار ئىمىڭىزنى كۆرۈۋالالمايدۇ.