ھۆججەتنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بەلگىلەش

ھۆججىتىڭىزنى كىم تەھرىرلىيەلەيدۇ، كىم كۆرەلەيدۇ دېگەندەكلەرنى ھۆججەتنىڭ ئىمتىيازلىرىنى ئىشلىتىپ بەلگىلەشكە بولىدۇ. ھۆججەتنىڭ ئىمتىيازىنى كۆرۈش ۋە بەلگىلەش ئۈچۈن، ھۆججەتنى تاللاپ، ئوڭ چېكىپ خاسلىقى نى تاللىغاندىن كېيىن، ئىمتىيازلار بەتكۈچىنى تاللىسا بولىدۇ.

See ھۆججەتلەر and قىسقۇچلار below for details on the types of permissions you can set.

ھۆججەتلەر

ھۆججەتنىڭ ئىگىسىنىڭ، ئىگىسى تەۋە گۇرۇپپىنىڭ ۋە سىستېمىدىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھۆججەتكە بولغان ئىمتىيازىنى(يېزىش، ئوقۇش، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى) نى بەلگىلەشكە بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججىتىگە نىسبەتەن، ئۆزىڭىزگە ئوقۇشقىلا بولىدىغان ياكى ئوقۇش-يېزىشقا بولىدىغان ئىمتىيازلارنى بېرەلەيسىز. ئەگەر ھۆججەتنى ئويلىمايلا ئۆزگەرتىپ قويۇشتىن ساقلانماقچى بولسىڭىز، ئوقۇشقىلا بولىدىغان ئىمتىيازنى بەلگىلەپ قويسىڭىز بولىدۇ.

كومپيۇتېردىكى ھەر بىر ئىشلەتكۈچى گۇرۇپپىغا تەۋە بولىدۇ. ئۆيدە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلاردا، ھەممە كىشى ئوخشاش بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولغاچقا گۇرۇپپا ئىمتىيازى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. شىركەتلەردە بولسا، بۆلۈملەر ياكى قۇرۇلۇشلار بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولىدۇ. ھەر بىر ھۆججەتنىڭ ئىگىسى بولغىنىدەك، ئۇ يەنە گۇرۇپپىغىمۇ تەۋە بولىدۇ. ھۆججەتنىڭ گۇرۇپپا ئىمتىيازىنى تەڭشەش ئارقىلىق، شۇ گۇرۇپپىدىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھۆججەتكە بولغان ئىمتىيازىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى، سىز ئۆزىڭىز تەۋە بولغان گۇرۇپپىنىڭ ھۆججەتكە بولغان ئىمتىيازىنى بەلگىلىيەلەيسىز.

يەنە گۇرۇپپىغا تەۋە بولمىغان، ۋە ئىگىسىمۇ ئەمەس ئىشلەتكۈچىنىڭ ھۆججەتكە بولغان ئىمتىيازىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ.

If the file is a program, such as a script, you must select Allow executing file as program to run it. Even with this option selected, the file manager may still open the file in an application or ask you what to do. See ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تېكىست ھۆججەتلىرى for more information.

قىسقۇچلار

قىسقۇچ ئىگىسىنىڭ، گۇرۇپپىسىنىڭ، ۋە باشقا ئىشلەتكۈچىنىڭ قىسقۇچقا بولغان ئىمتىيازىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئوتكەن ھۆججەتنىڭ ئىگىسى، گۇرۇپپىسى ۋە باشقا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىمتىيازلىرى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتىن كۆرۈڭ.

ھۆججەتكە ئىمتىياز بەلگىلەش بىلەن قىسقۇچقا ئىمتىياز بەلگىلەش ئوخشىمايدۇ.

يوق

ئىشلەتكۈچى قىسقۇچ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى كۆرەلمەيدۇ.

ھۆججەتلەرنىلا تىزىپ كۆرسىتىش

ئىشلەتكۈچى قىسقۇچ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى كۆرەلەيدۇ، بىراق ئاچالمايدۇ، ئۆچۈرەلمەيدۇ، قۇرالمايدۇ ياكى ئۆچۈرەلمەيدۇ.

ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلىش

ئىشلەتكۈچى قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاچالايدۇ، بىراق قىسقۇچ ئىچىگە ھۆججەت قۇرالمايدۇ ياكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.

ھۆججەتلەرنى قۇرۇش ۋە ئۆچۈرۈش

ئىشلەتكۈچى قىسقۇچقا نىسبەتەن تولۇق ئىمتىيازلىق بولۇپ، ئېچىش، قۇرۇش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ.

قىسقۇچ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتنىڭ ئىمتىيازىنى ھۆججەت زىيارىتى دېگەن تىزىم ۋە ئىجرا قىلىش تاللانمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىراقلا ئۆزگەرتىشكىمۇ بولىدۇ. تىزىمنى --- قىلسا ياكى ئىجرا قىلىش نى بەلگىلەنمىگەن ھالەتتە(كاتەكچە ئىچىدە تۈز سىزىق) قويۇپ قويسا ھېچ نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ.

ئىمتىيازلارنى ئىچىدىكى ھۆججەتلەرگە قوللان نى چەكسىڭىز، ھۆججەت زىيارىتى ۋە ئىجرا قىلىش تاللانمىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆججەتلەرنىڭ ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىجرا بولۇش ئىمتىيازلىرى بەلگىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئىچىدىكى قىسقۇچلارنىڭ ئىمتىيازىمۇ ماس ئۆزگىرىدۇ. مۇندەرىجىلەر قانچە قات بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئىمتىيازى ئۆزگىرىدۇ.