ھۆججەت خاسلىقلىرى

ھۆججەت ياكى قىسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئوڭ چېكىپ خاسلىقى نى تاللىسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل، ھۆججەتنى تاللاپ Alt+Enter نى باسسىمۇ بولىدۇ.

ھۆججەت خاسلىقى كۆزنىكىدە ھۆججەتنىڭ تىپى، چوڭلۇقى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى قاتارلىقلار كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇچۇرلارنى ھەمىشە كۆرۈپ تۇرۇش ئويىڭىز بولسا، تىزىم كۆرۈنۈش ئىستونلىرى ياكى سىنبەلگە تېكىستلىرى ئارقىلىق كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئاساسىي بەتكۈچىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىدەك. بۇ يەردە يەنە ئىمتىيازلار ۋە ئاچىدىغان پروگرامما بەتكۈچلىرىمۇ بار. سۈرەت ۋە سىن دېگەندەك بەزى تىپتىكى ھۆججەتلەرگە نىسبەتەن يەنە چوڭلۇقى، ئۇزۇنلۇقى، كودلىغۇچ-كودسىزلىغۇچ دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدىغان بەتكۈچمۇ بار.

ئاساسىي خاسلىقلار

ئاتى

بۇ يەردە ھۆججەتنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ھۆججەتنىڭ ئاتىنى خاسلىق كۆزنىكىنىڭ سىرتىدىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ھۆججەت ۋە قىسقۇچنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتىش غا قارالسۇن.

تىپى

بۇ ئارقىلىق ھۆججەتنىڭ تىپىنى بىلگىلى بولىدۇ يەنى، PDF ھۆججىتى، OpenDocument ھۆججىتى ياكى JPEG سۈرەت ھۆججىتى دېگەندەك. ھۆججەت تىپى - ھۆججەتنى قايسى پروگرامما بىلەن ئاچىدىغانلىقنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن: سۈرەت ھۆججىتىنى ئۈنقويغۇ بىلەن ئاچقىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن ھۆججەتلەرنى باشقا پروگراممىلارنى ئىشلىتىپ ئېچىش غا قارالسۇن.

يەنە ھۆججەتنىڭ MIME تىپى تىرناق ئىچىدە كۆرسىتىلىدۇ. MIME تىپى بولسا كومپيۇتېر ھۆججەتتىن پايدىلىنىدىغان چاغدا ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك ئۇسۇلدۇر.

مەزمۇنلار

ھۆججەت ئەمەس قىسقۇچنىڭ خاسلىقىنى كۆرگەندە كۆرسىتىلىدۇ. بۇ يەردە ئارقىلىق قىسقۇچنىڭ ئىچىدە قانچە تۈر بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر بىر ئىچكى قىسقۇچمۇ بىر تۈر سانىلىدۇ(ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە باشقا تۈر بولسىمۇ). ھەر بىر ھۆججەتمۇ بىر تۈر سانىلىدۇ. ئەگەر قىسقۇچ قۇرۇق بولسا ھېچنېمە يوق دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

چوڭلۇقى

ھۆججەتنىڭ خاسلىقىدا كۆرسىتىلىدۇ(قىسقۇچتا كۆرۈنمەيدۇ). ھۆججەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇنىڭ دىسكىدا قانچىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇنى چۈشۈرگەندە ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەندە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ(چوڭ ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىش/قوبۇل قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ).

ئۇزۇنلۇق بايت، كىلوبايت(KB)، مېگابايت(MB)، گىگابايت(GB) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇق KB، MB، GB لار بىلەن ئىپادىلەنگەندە يەنە تىرناق ئىچىدە يەنە بايت بىلەن ئىپادىلەنگەن ئۇزۇنلۇقىمۇ كۆرسىتىلىدۇ. بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇنداق: 1 KB = 1024 بايت، 1MB = 1024 KB.

ئورنى

كومپيۇتېردىكى ھۆججەتنىڭ ئورنى مۇتلەق يول بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ كومپيۇتېردىكى ھۆججەتنىڭ بىردىن-بىر «ئادرېسى» ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن قىسقۇچلار ياسالغان بولسا، ھۆججەتلەرنى تېپىش ئۈچۈن بىر-بىرلەپ ئىچىگە كىرىپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: kawichi دېگەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ماكان مۇندەرىجىسىدە ezitqu.pdf دېگەن ھۆججەت بار بولسا، ئۇنىڭ يولى /home/kawichi/ezitqu.pdf بولىدۇ.

دىسكا

دىسكا - ھۆججەت سىستېمىسى ياكى ئۈسكۈنە ساقلانغان ئورۇندۇر. بۇ ھۆججەتنىڭ قانداق بىر فىزىكىلىق ئورۇنغا ساقلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يەنى ھۆججەت قاتتىق دىسكىدىمۇ، CD دىمۇ ياكى تور ھەمبەھىرىدىمۇ ياكى ھۆججەت مۇلازىمېتىرىدىمۇ دېگەندەك. يەنە قاتتىق دىسكىلارنى بۆلەكلەرگە بولۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ بۆلەكلەر دىسكا رايونلىرى دېيىلىدۇ؛ دىسكا رايونلىرى دىسكىنىڭ ئاستىدا كۆرسىتىلىدۇ.

بىكار بوشلۇق

قىسقۇچنىڭ خاسلىقىنى كۆرگەندىلا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ قىسقۇچ بار دىسكا ئۈستىدە قانچىلىك بوشلۇق بارلىقنى دەپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق دىسكا توشۇپ قالدىمۇ يوق بىلگىلى بولىدۇ.

زىيارەت قىلىنغان ۋاقىت

ھۆججەت ئېچىلغان ئەڭ ئاخىرقى چېسلا ۋە ۋاقتى.

ئۆزگەرتىلگەن ۋاقىت

ھۆججەت ئۆزگەرتىلىپ ساقلانغان ئەڭ ئاخىرقى چېسلا ۋە ۋاقىت.