ھۆججەت باشقۇرغۇچىنىڭ ھەرىكەت خاسلىقى

سىز ھۆججەتلەرنى ئاچقاندا بىر قېتىم چېكىش ئارقىلىق ئېچىلامدۇ ياكى قوش چېكىش كېرەكمۇ ، ياكى ھۆججەت قىسقۇچ يېڭى كۆزنەكتە ئېچىلامدۇ، ئىجراچان تېكىست ھۆججەتلىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدۇ، ئۆچۈرۈش قانداق بولىدۇ دېگەنلەرنى كونترول قىلالايسىز. ھەرقانداق ھۆججەت باشقۇرغۇچىنىڭ كۆزنىكىدە تەھرىرلەش ◂ خاسلىق نى چېكىپ ھەرىكەت نى تاللاڭ

ھەرىكەت

تۈرنى بىر قېتىم چېكىپلا ئېچىش
تۈرنى قوش چېكىش ئارقىلىق ئېچىش

كۆڭۈلدىكى بويىچە بولغاندا، چېكىش ئارقىلىق ھۆججەت تاللىنىدۇ شۇنداقلا قوش چېكىش ئارقىلىق ئىچىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىز بىر قېتىم چەككەندىلا ئېچىلىدىغانمۇ قىلالايسىز. Ctrl نى بېسىپ تۇرۇپ بىر ياكى كۆپ ھۆججەتلەرنى تاللىيالايسىز.

ھەربىر قىسقۇچنى ئايرىم كۆزنەكتە ئېچىش

ئادەتتە، ھۆججەت باشقۇرغۇدا قىسقۇچ ئاچسا، ھەممىسى بىرلا كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ. قىسقۇچنى ئوڭ چېكىپ يېڭى كۆزنەكتە ئاچ نى چەكسە، باشقا بىر كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ. بۇ مەشغۇلاتنى دائىم قىلىش توغرا كەلسە، مۇشۇ تاللانمىنى تاللاپ قويسا بولىدۇ.

ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تېكىست ھۆججەتلىرى

ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تېكىست ھۆججىتى - پروگرامما بار بولغان ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ھۆججەتتۇر. ھۆججەت ئىمتىيازلىرى دا ھۆججەتنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. ئادەتتە Shell, Python، ۋە Perl پروگراممىلىرى مۇشۇنداق ھۆججەتلەردۇر. ئۇلارنىڭ كېڭەيتمە ئاتى ئادەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا .sh، .py، ۋە .pl بولىدۇ.

بۇنداق ھۆججەتلەرگە نىسبەتەن ئېچىلغاندا ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تېكىست ھۆججەتلىرىنى ئىجرا قىل، ئېچىلغاندا ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تېكىست ھۆججەتلىرىنى كۆرسەت، ياكى ھەر قېتىم سورا نى تاللاشقا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقىسى تاللانسا، تاللانغان ھۆججەتنى ئىجرا قىلامدۇ ياكى مەزمۇنىنى كۆرسىتەمدۇ سورايدىغان كۆزنەك چىقىدۇ.

ئەخلەتخانا

ئەخلەتخانىنى تازىلاش ياكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشتىن ئاۋۋال سورىسۇن

ئادەتتە بۇ تاللانما تاللانغان ھالەتتە بولىدۇ. ئەخلەتخانىنى تازىلىماقچى بولغاندا، ئۇچۇر چىقىپ نېمە قىلىدىغانلىقنى سورايدۇ.

ئەخلەتخانىغا يوللىمايدىغان ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى قوشسۇن

بۇ تاللانما تاللانسا تەھرىر تىزىملىكىگە ۋە شۇنداقلا ھۆججەتلەر پروگراممىسىدا چاشقىنەكنى ئوڭ چەككەندە چىقىدىغان سەكرىمە تىزىملىككە ئۆچۈر تۈرى قوشۇلىدۇ.

مەزكۇر ئۆچۈر تىزىملىكى ئارقىلىق بىرەر نەرسىنى ئۆچۈرسە، ئۇ ئەخلەتخانىغا كىرمەي مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈلىدۇ. ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.