ھۆججەتلەرنى باشقا پروگراممىلارنى ئىشلىتىپ ئېچىش

ئادەتتە ھۆججەت باشقۇرغۇدا بىرەر ھۆججەت قوش چېكىلسە، كۆڭۈلدىكى پروگرامما قوزغىلىپ ھۆججەتنى ئاچىدۇ. ھۆججەتنى ئاچىدىغان كۆڭۈلدىكى پروگراممىنى ئۆزگەرتكىلى، ئاچىدىغان پروگراممىنى توردىن ئىزدىگىلى، ياكى بارلىق ھۆججەت تىپلىرىنى بىرلا پروگرامما بىلەن ئاچىدىغان قىلىپ بەلگىلىگىلى بولىدۇ.

ھۆججەتنى كۆڭۈلدىكى پروگراممىدىن باشقا پروگراممىدا ئېچىش ئۈچۈن، ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ تىزىملىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئاچىدىغان پروگراممىنى تاللىسا بولىدۇ. ئەگەر تىزىملىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئاچىدىغان پروگرامما كۆرۈنمىسە باشقا پروگراممىدا ئاچ نى تاللىسا بولىدۇ. ئادەتتە ھۆججەت باشقۇرغۇ بۇ خىلدىكى ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان پروگراممىنى ئالدىن بىلىدۇ. كومپيۇتېردا بار بارلىق پروگراممىنى كۆرۈش ئۈچۈن، باشقا پروگراممىلارنى كۆرسەت نى چەكسە بولىدۇ.

ئارزۇ قىلغان پروگرامما تېپىلمىسا، توردىن پروگرامما ئىزدە نى چەكسە بولىدۇ. ھۆججەت باشقۇرغۇ توردىن مەزكۇر ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بوغچىنى ئىزدەيدۇ.

كۆڭۈلدىكى پروگراممىنى ئۆزگەرتىش

كۆرسىتىلگەن ھۆججەت تىپىنى ئاچىدىغان كۆڭۈلدىكى پروگراممىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىرەر ھۆججەت قوش چېكىلگەندە ئۇنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان پروگراممىدا ئاچىدىغان قىلالايسىز. مەسىلەن: MP3 تىپتىكى ھۆججەتلەر قوش چېكىلسە، ئۇنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئۈنقويغۇدا ئاچىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىۋالالايسىز.

  1. ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھۆججەت تىپىنى تاللايسىز. مەسىلەن: MP3 ھۆججىتىنى ئاچىدىغان كۆڭۈلدىكى پروگراممىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، بىر .mp3 ھۆججىتىنى تاللايسىز.

  2. ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ ئۇنىڭدىن خاسلىقى نى تاللايسىز.

  3. ئاچىدىغان پروگرامما بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  4. ئاچىدىغان پروگراممىنى تاللاپ كۆڭۈلدىكى قىلىپ بەلگىلە نى چېكىسىز. ئادەتتە ھۆججەت باشقۇرغۇ مۇشۇ خىلدىكى ھۆججەتنى باشقۇرالايدىغان، ئۆزى بىلىدىغان پروگراممىلارنى كۆرسىتىدۇ. كومپيۇتېردا بار بارلىق پروگراممىنى كۆرۈش ئۈچۈن، باشقا پروگراممىلارنى كۆرسەت نى چەكسە بولىدۇ.

    باشقا پروگراممىلار نىڭ ئىچىدە سىز ئارزۇ قىلغان پروگرامما بار بولسا، بىراق ئىنى كۆڭۈلدىكى پروگرامما قىلىپ بەلگىلىگۈڭىز بولمىسا، پروگراممىنى تاللاپ قوش نى چەكسىڭىز تەۋسىيىلىك پروگراممىلار غا قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۆججەتنى ئوڭ چەككەندە كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن پروگراممىنى تاللىيالايسىز.

بۇنىڭ بىلەن تاللانغان ھۆججەتنىڭ كۆڭۈلدىكى پروگراممىسى ئەمەس، تاللانغان ھۆججەت بىلەن ئوخشاش تىپتىكى بارلىق پروگراممىنىڭ كۆڭۈلدىكى پروگراممىسى ئۆزگىرىدۇ.