ھۆججەتنى يوشۇرۇش
بۇ GNOME ھۆججەت باشقۇرغۇچ ھۆججەتلەرنى ئارزۇيۇڭىز بويىچە يوشۇرۇپ ۋە كۆرسىتىشىڭىزگە يول قويىدۇ. ئەگەر ھۆججەت يوشۇرۇن بولسا ئۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچتا كۆرۈنمەيدۇ ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقۇچىدا تۇرىۋېرىدۇ. سىز ھۆججەت ئاتىنىڭ ئالدىغا . نى قوشۇپ ھۆججەتنى يوشۇرالايسىز.
ھۆججەتنى يوشۇرۇن قىلىش ئۈچۈن، «.» بىلەن باشلىنىدىغان قىلىپ ئاتىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. مەسىلەن: example.txt دېگەن ھۆججەتنى يوشۇرۇن قىلىش ئۈچۈن ، ئاتىنى .example.txt قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك.
ھۆججەتنى يوشۇرغانغا ئوخشاش ئۇسۇلدا قىسقۇچنىمۇ يوشۇرۇشقا بولىدۇ. قىسقۇچ ئاتىنى ئالدىغا «.» قويۇپ ئۆزگەرتسىڭىزلا بولىدۇ.
يوشۇرۇن ھۆججەتنى كۆرۈنىدىغان قىلىش
بىرەر ھۆججەتنى كۆرۈنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ھۆججەت بار قىسقۇچقا يۆتكىلىپ كۆرۈنۈش ◂ يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسەت نى چېكىپ، ھۆججەت كۆرۈنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاتىنىڭ باشىدىكى . ئۆچۈرۈپ ئاتىنى ئۆزگەرتىپ قويسا بولىدۇ. مەسىلەن، كۆرسەتمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئاتى .example.txt بولسا، ئۇنىڭ ئاتىنى example.txt غا ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
ھۆججەتنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ كۆرۈش ◂ يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسەت نى چېكىپ ياكى Ctrl+H بېسىپ يەنە باشقا يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا، يوشۇرۇن ھۆججەت نۆۋەتتىكى كۆزنەكتە ھۆججەت باشقۇرغۇچنى ياپقۇچە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەممە ھۆججەت باشقۇرغۇچ كۆزنىكىدە يوشۇرۇن ھۆججەتنى كۆرسىتىشتە، ھۆججەت باشقۇرغۇنىڭ كۆرۈنۈش مايىللىقلىرى نى كۆرۈڭ.
كۆپىنچە يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنىڭ ئاتىنىڭ بېشىدا . بار. بەزىلىرىدە بولسا ئاتىنىڭ ئاخىرىدا ~ بار (ھۆججەت ئاتىنىڭ ئاخىرىدىكى «~» بەلگە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟) غا قارالسۇن.
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- ھۆججەت ئاتىنىڭ ئاخىرىدىكى «~» بەلگە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ — بۇلار زاپاس ھۆججەتلەر بولۇپ، ئادەتتە يوشۇرۇن ھالەتتە(كۆرۈنمەيدۇ) بولىدۇ.