ھۆججەت ۋە قىسقۇچنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتىش

ھۆججەت ياكى قىسقۇچنىڭ ئاتىنى ھۆججەت باشقۇرغۇ ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

ھۆججەت ياكى قىسقۇچنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن:

  1. ھۆججەت ياكى قىسقۇچنىڭ ئۈستىدە ئوڭ تەرەپنى چېكىپ ئات ئۆزگەرت نى تاللايمىز، ياكى ھۆججەتنى تاللاپ F2 كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

  2. يېڭى ئاتىنى كىرگۈزۈپ Enter كۇنۇپكىسىنى باسىسىز.

مايىللىق كۆزنىكىدىمۇ ئات ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقىمۇ بولىدۇ.

ھۆججەتنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتكەندە پەقەت ئاتنىڭ بىر قىسمى تاللىنىدىغان بولۇپ كېڭەيتىلمە ئاتى تاللانمايدۇ(«.» دىن كېيىكى قىسمى). بۇ كېڭەيتىلمە ئىسىم بولسا ھۆججەتنىڭ قايسى تىپتىكى ھۆججەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ(مەسىلەن file.pdf بولسا بىر PDF ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ)، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇنى ئۆزگەرتمەيسىز. ئەگەر ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز چاشقىنەك ئارقىلىق تاللىسىڭىز ياكى Ctrl+A ئارقىلىق ھەممىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر ئات ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتىدا مەسىلە كۆرۈلسە، مەشغۇلاتتىن يېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. سىز تەھرىر  ◂ يېنىۋال نى تاللاپ ئىلگىرىكى مەشغۇلاتتىن يېنىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ھۆججەت ئاتىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئىناۋەتلىك ھەرپلەر

/ (يانتۇ سىزىق) دىن باشقا ھەرقانداق ھەرپنى ھۆججەت ئىسمىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بەزى ئۈسكۈنىلەردە ھۆججەت ئىسمىغا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئىگە بولغان ھۆججەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ، USB بارماق دىسكا كۆپىنچە ھالدا FAT32 پىچىمىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە ياكى باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ھۆججەتنى ھەمبەھىرلەنمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ھەرپلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقىلىنىڭ: |, \, ?, *, <, ", :, >, /.

ئەگەر ھۆججەت ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرپىگە . نى ئىشلەتسىڭىز ، بۇ ھۆججەت ھۆججەت باشقۇرغۇدا يوشۇرۇن بولۇپ قالىدۇ.

كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر

ھۆججەت ئاتى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ

بىر قىسقۇچنىڭ ئىچىدە ئاتى ئوخشاش بولغان ئىككى ھۆججەت ياكى قىسقۇچنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بىرەر ھۆججەتنىڭ ئاتىنى مەۋجۇت ھۆججەتنىڭ ئاتى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ھۆججەت باشقۇرغۇ يول قويمايدۇ.

ھۆججەت ئاتىنىڭ تەركىبىدىكى ھەرپلەرنىڭ چوڭ كىچىك يېزىلىشى بىلەن ھۆججەت باشقا ھۆججەت بولۇپ قالىدۇ. يەنى ھۆججەت File.txt بىلەن file.txt ئىككىسى ئىككى ھۆججەتتۇر. گەرچە بۇ ئانچە ياخشى ئىش بولمىسىمۇ، يەنىلا بۇنىڭغا يول قويۇلىدۇ.

ھۆججەت ئاتى بەك ئۇزۇن

بەزى ھۆججەت سىستېمىسىدا، ھۆججەت ئاتى 255 ھەرپتىن ئاشمايدۇ. 255 ھەرپ ھۆججەت ئاتى ۋە يولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ شۇڭلاشقا ھۆججەت ۋە قىسقۇچقا بەك ئۇزۇن ئات قويۇشتىن ساقلىنىڭ.

ئاتىنى ئۆزگەرتىش تاللانمىسى كۈلرەڭ بولۇپ قالغان

ئەگەر ئات ئۆزگەرت كۈلرەڭگە ئۆزگەرگەن بولسا، ھۆججەت ئاتىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ. ئادەتتە، ئەگەر ھۆججەت ئاتىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىڭىز بولمىسا ھۆججەت ئاتىنى ئۆزگەرتمەڭ. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ھۆججەتنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بەلگىلەش دىن كۆرۈڭ.