ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازى ئۈچۈن ئېكراننى چاقنات

ئەگەر مۇئەييەن تىپتىكى ئۇچۇر ۋە ھادىسە بولسا كومپيۇتېرىڭىز ئاددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ ئاۋازلارنى ئېنىق ئاڭلىيالمىسىڭىز، ئاۋاز چىقىرىۋاتقاندا پۈتكۈل كۆرۈنۈشنى چاقنىتىشنى تاللىسىڭىز ياكى نۆۋەتتىكى كۆزنىكىڭىزنى چاقنىتىشنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر سىز كۈتۈپخانىغا ئوخشاش كومپيۇتېر چىقارغان ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدىغان يەردە بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنىڭ سىزگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى ئىشلىتىش ياكى چەكلەش نى كۆرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى ئۈنسىز قىلىشنى ئۆگىنىپ، كۆرۈنۈش ئاگاھلاندۇرۇشىنى قوزغىتىڭ.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. ھەممىباب زىيارەت نى ئېچىپ ئاڭلاش سېزىمى بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. ئاڭلاش بەتكۈچىدىكى كۆرۈنمە ئاگاھلاندۇرۇش نى ئىناۋەتلىك قىلىڭ. ئاندىن پۈتكۈل ئېكران ياكى نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى چاقنىتىدىغانلىقنى تاللاڭ.