ھەممىباب زىيارەت
ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى نەشرى ياردەمچى تېخنىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر خىل ئىقتىدار جەھەتتە كەمتۈكلىرى بارلار ياكى ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە كۆپ ئۇچرايدىغان ياردەمچى قۇرۇلمىلار بىلەن ئالاقە باغلىيالايدۇ. سىستېما تەڭشەكلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال زىيارەت بۆلىكىدە كاشىلىسىز ياردەمچى ئىقتىدارلاردىن نۇرغۇنىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
كۆرۈش كەمتۈكلىرى
ئەمالار
- Braille دا ئېكراننى ئوقۇش — Orca ئېكران ئوقۇغۇنى يېڭىلاشقا بولىدىغان Braille كۆرسەتكۈچى بىلەن ئىشلىتىڭ.
- ئېكراننى ئۈنلۈك ئوقۇش — Orca ئېكران ئوقۇغۇچتا ئىشلەتكۈچى چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇتالايسىز.
كۆرۈش قۈۋۋىتى تۆۋەن
- ئېكراندىكى تېكىستنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆزگەرتىش — خەتلەرنى چوڭايتىپ ئوقۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش.
- سېلىشتۇرمىلىقى(contrast)نى تەڭشەش — ئېنىقراق كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ، ئېكراندىكى كۆزنەك ۋە كۇنۇپكىلارنى بەكرەك ياكى بوشراق چاقنايدىغان قىلىش
- چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنىڭ ئورنىنى تېز تېپىش — چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى تېپىش ئۈچۈنCtrl كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
- ھەرپتاختا نۇربەلگىسىنى لىپىلدىتىش — خەت كىرگۈزىدىغان ئورۇننى لىپىلدىتىش ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك تېزلىكتە لىپىلدىتىش ھەققىدە.
ئاڭلاش كەمتۈكلىرى
- ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازى ئۈچۈن ئېكراننى چاقنات — ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى چالغاندا كۆرۈنۈش ئاگاھلاندۇرۇشىنى قوزغىتىپ ئېكران ياكى كۆزنەكنى چاقنىتىدۇ.
يۆتكەش كەمتۈكلىرى
چاشقىنەكنى يۆتكەش
- چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى چاشقىنەكنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ چېكىش ۋە يۆتكەش — چاشقىنەك كۇنۇپكىلىرى نى ئىناۋەتلىك قىلىپ، رەقەم تاختىسى(keypad) ئارقىلىق چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى چېكىش ۋە يۆتكەش.
- چاشقىنەك ۋە سەزگۈر تاختىنىڭ تېزلىكىنى تەڭشەش — چاشقىنەك ياكى سەزگۈر تاختىنى ئىشلەتكەندە چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنىڭ قانچىلىك ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى ئۆزگەرتىش.
چېكىش ۋە سۆرەش
- ئۈستىگە ئەكېلىش ئارقىلىق چېكىشنى تەقلىدلەش — ئۈستىگە ئەكېلىپ چېكىش(ئۆزلۈكىدىن چېكىش) ئىقتىدارى چاشقىنەكنى ئۈستىگە ئەكېلىپ توختىتىش ئارقىلىق چېكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
- سۆرەشنىڭ دەسلەپكى قىممىتىنى تەڭشەش — سۆرەش باشلىنىش ئۈچۈن چاشقىنەك ئىسترېلكىسىنى قانچىلىك يىراقلىققا يۆتكەشنى ئۆزگەرتىش.
- قوش چېكىش تېزلىكىنى تەڭشەش — چاشقىنەكنىڭ كۇنۇپكىسىنى قوش-چېكىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق چېكىشنىڭ قانچە تىز بولىدىغانلىقىنى كونترول قىلىڭ.
- چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكا چېكىلىشىنى تەقلىد قىلىش — چاشقىنەك سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇتۇپ تۇرۇلسا چاشقىنەك ئوڭ كۇنۇپكا چېكىش مەشغۇلاتى بولىدۇ.
ھەرپتاختا ئىشلىتىش
- ئاستا كۇنۇپكىلارنى ئىناۋەتلىك قىلىش — كۇنۇپكا بېسىلىپ ئېكراندا شۇ ھەرپ كۆرۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۆھلىتى
- ئېكران ھەرپتاختىسىنى ئىشلىتىش — ئېكران ھەرپتاختىسى ئارقىلىق، چاشقىنەكنى چېكىپ تېكىست كىرگۈزۈش.
- سەكرىمە كۇنۇپكىلارنى ئېچىش — ئوخشاش بىر كۇنۇپكىنىڭ ئىنتايىن تەز تەكرارلىنىشىغا پەرۋا قىلماسلىق
- كۇنۇپكىنىڭ تەكرار بېسىلىشىنى تاقاش — كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇۋەرگەن چاغدا ھەرپلەرنى تەكرارلانمايدىغان قىلغىلى، ياكى تەكرارلانغان كۇنۇپكىنىڭ كېچىكىش ۋاقتى ۋە تېزلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
- چاپلىشاڭغۇ كۇنۇپكىلارنى ئىناۋەتلىك قىلىش — تېزلەتمە كۇنۇپكىلارنى ئىشلەتكەندە كۇنۇپكىلارنى بىرلا ۋاقىتتا باسماي، بىرنىڭ كەينىدىن يەنە بىرىنى باسىدىغان قىلىش.
- ھەرپتاختا يولباشچىسى — پروگرامما ۋە ئۈستەلئۈستىنى چاشقىنەكسىز ئىشلىتىش.
More Information
- ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى — ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى