ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى ئىشلىتىش ياكى چەكلەش

كومپيۇتېرىڭىز مەلۇم خىلدىكى ئۇچۇر ياكى ھادىسىگە قارىتا ئاددىي بولغان ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى چىقىرىدۇ. سىز ئوخشىمىغان ئاۋازنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن تاللىيالايسىز، ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى سىستېمىنىڭ ئاۋازىدىن مۇستەقىل ھالدا تەڭشەڭ ، ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى پۈتۈنلەي چەكلەڭ.

  1. تىزىملىك بالداق تىكى ئاۋاز تىزىملىكى نى چېكىش بىلەن بىرگە ئاۋاز تەڭشىكىنى چېكىڭ.

  2. ئاۋاز ئۈنۈمى بەتكۈچتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى تاللاڭ. سىز ھەر بىر ئاۋازنى چەكسىڭىز ئاۋاز قويۇلىدۇ بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانداق ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.

ئاۋاز ئۈنۈمى بەتكۈچتىكى ئاۋاز سۈرگۈچنى ئىشلىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى تەڭشىيەلەيسىز. بۇ سىزنىڭ نەغمە ، كىنو ، ياكى باشقا ئۈنلەرنىڭ ئاۋازىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئۈچۈن، ئۇنسىز نى تاللىسىڭىزلا بولدى.