يەرلىك پرىنتېرنى بېكىتىش

سىستېمىڭىز نۇرغۇن خەت باسقۇلار چېتىلغاندىلا ئۇنىڭ تىپىنى ئۆزلۈكىدىن بايقىيالايدۇ. زور كۆپ ساندىكى خەت باسقۇلار USB سىم بىلەن كومپيۇتېرغا چېتىلىدۇ.

  1. پرىنتېرنىڭ توكى ئوچۇقمۇ تەكشۈرۈڭ.

  2. مۇۋاپىق سىم ئارقىلىق خەت باسقۇنى سىستېمىڭىزغا ئۇلاڭ. سىستېما قوزغاتقۇ ئىزدەۋاتقاندا ئېكراندىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ تۇرۇڭ، ئېكراندا قاڭقىش ئۇچۇرى كۆرۈنۈپ سىزنىڭ ئورناتقان قوزغاتقۇنى دەلىللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  3. ىسىستېما خەت باسقۇنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. سىناق بەتنى باسنى تاللاپ، سىناق بەتتىن بىرنى بېسىڭ ياكى باشقا خەت باسقۇ تەڭشەكلىرىنى سەپلەڭ.

پرىنتېر ئاپتوماتىك تەڭشەلمىسە، پرىنتېر تەڭشىكىدە قوشۇشقا بولىدۇ.

  1. ئۈستىدىكى تىزىملىك بالداقتىن سىستېما تىزىملىكنى چېكىپ، خەت باسقۇلارنى تاللاڭ.

  2. قوش نى چېكىپ ئۈسكۈنىلەر كۆزنىكىدىن پرىنتېرنى تاللايسىز.

  3. ئالدىغا نى چېكىپ ئۈسكۈنىلەرنى ئىزدەپ تاپقۇچە كۈتۈڭ.

  4. ئەگەر زۆرۈر بولسا خەت باسقۇنىڭ ئاتى، چۈشەندۈرۈشى ۋە ئورنىنى ئۆزىڭىز ئىختىيارى بەلگىلىيەلەيسىز. تاماملانغاندىن كېيىن قوللاننى چېكىڭ.

  5. ھازىر سىناق بەتنى باسالايسىز ياكى ۋاز كەچنى چېكىپ بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ كېتەلەيسىز.

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر قانچە قوزغاتقۇ بولسا سىستېما كۆڭۈلدىكىدىن بىرنى تاللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. تەۋسىيە قىلىنغان قوزغاتقۇنى ئىشلىتىشتە ياسىغۇچى ۋە تىپى كۆزنىكىدە «كېيىنكى» نى چەكسىڭىزلا بولىدۇ.

خەت باسقۇنى ئورناتقاندىن كېيىن، سىز كۆڭۈلدىكى خەت باسقۇنى ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇشىڭىز مۇمكىن.