باتارېيىنىڭ تۆۋەن سىغىمچانلىق توغرىسىدىكى خاتالىق دوكلاتى

سىز تۇنجى قېتىم كىرگەندە، تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرنى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن:

باتارېيە بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن.سىزنىڭ باتارېيىڭىزنىڭ سىغىمچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن دېگەندەك باتارېيىنىڭ كونارغان ياكى بۇزۇلغانلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئۇچۇر

بۇ ئۇچۇر كومپيۇتېر سىزنىڭ باتارېيىڭىزنىڭ توكنى ساقلاشقا ئانچە قەدەر بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا چىقىدۇ.باتارېيىنىڭ كونىراپ قىلىشى بۇنىڭ چوڭ بىر سەۋەبى؛ بۇزۇلمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

ۋاقىتقا ئەگىشىپ بارلىق يان كومپيۇتېرلار توك ساقلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن(ئادەتتە بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىتتا)،باتارېيە يېڭى ۋاقتىنىڭ نەچچىدىن بىر قىسىم توكىنى ساقلىيالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يۇقىرىقى ئۇچۇر چىقىدۇ.

ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز ياكى باتارېيىڭىز يېڭى بولسا،لايىھىلەنگەندەك يۇقىرى پىرسەنتتە توكنى ساقلىيالايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن،سىزنىڭ باتارېيىڭىز بۇزۇلغان بولۇشى شۇنداقلا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.