يان كومپيۇتېرنىڭ باتارېيىسىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

يان كومپيۇتېرنىڭ باتارېيىسىنىڭ ئۆمرىگە كەلسەك ، ئىشلەتكەنسېرى توك ساقلاش ئىقتىدارى ۋە مىقدارىدا تۆۋەنلەش يۈز بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا بولىدىغان بىر قانچە تېخنىكىلار بار، لېكىن ئۇلاردىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ.

  • باتارېيىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەپ كېتىشىدىن ساقىلىنىڭ. ئىنتايىن ئاز قىلىشتىن بۇرۇن تولۇقلاڭ؛ بىر قىسمى ئىشلىتىلگەندىن كېيىنلا تولۇقلاش ھەممىدىن ئۈنۈملۈك. ئەمما توكدان توكلىنىۋاتقاندا ئاز مىقداردا توك قويۇپ بېرىش توكدانغا زىيانلىق.

  • قىزىپ كېتىش توكداننىڭ توك تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ھەممىدىن زىيانلىق. توكداننىڭ نورمىدىن ئارتۇق قىزىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

  • توكداننى ئىشلەتمەي قويۇپ قويسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ. دەسلەپتە توكداننى ئالغاندىلا زاپاس توكداندىن بىرنى ئېلىۋالسىڭىز پايدىسى بار، لازىم بولغاندا يەڭگۈشلەپ ئىشلىتەلەيسىز.

.بۇ يەردە دېيىلگەنلەر Lithium-Ion (Li-Ion) تىپىدىكى توكدانلارغا قارىتىلغان بولۇپ ، باشقا تىپتىكى توكدانلاردا باشقىچە بولۇشى مۇمكىن