قوزغاتقۇ دېگەن نېمە؟
ئۈسكۈنىلەر بولسا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ فىزىكىلىق «تەركىبىي قىسمى» . ئۇلار پرىنتېر ۋە چاشقىنەكتەك سىرتقى بولۇشى ياكى گرافىك ۋە ئاۋاز كارتىسىغا ئوخشاش ئىچكى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كومپيۇتېرنىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ، كومپيۇتېر ئۇلار بىلەن قانداق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى بىلىش كېرەك. بۇ جەريان ئۈسكۈنە قوزغاتقۇ دېگەن بىر بۆلەك يۇمشاق دېتال تەرىپىدىن ئورۇندىلىدۇ.
كومپيۇتېرىڭىزغا ئۈسكىنىنى چاتقاندا ، ئۇ ئۈسكۈنىنىڭ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن توغرا بولغان قوزغاتقۇنى ئورنىتىشىڭىز كېرەك ، مەسىلەن ، كومپيۇتېرىڭىزغا پرىنتېرنى چېتىپ توغرا بولغان قوزغاتقۇ بولمىسا ، پرىنتېرنى ئىشلىتەلمەيسىز. نورمال ئەھۋالدا ، ئۈسكىنىنىڭ ھەربىر تىپى بىر قوزغاتقۇ ئىشلىتىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا تىپتىكى ئۈسكىنىنى قوللىمايدۇ.
Linux دا ، كۆپىنچە ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغاتقۇلىرى كۆڭۈلدىكى بويىچە ئورنىتىلغان بولۇپ ، ھەممە نەرسە چاتقاندا نورمال ئىشلىشىشى كېرەك. بىراق قوزغاتقۇلارنى قولدا ئورنىتىلىشقا توغرا كېلىشى ياكى يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا ، بەزى بار بولغان قوزغاتقۇلار تولۇق ئەمەس ياكى بىر بۆلىكى ئىشلىمەيدۇ. مەسىلەن ، پرىنتېرىڭىز قوش تەرەپكە بېسىپ چىقىرالمايدىغان لېكىن باشقا جەھەتتە نورمال ئىشلەيدىغان دېگەندەك ئەھۋالغا يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن.
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- كۆكچىش ئۈسكۈنەمگە باغلىنالمىدىم — ماسلاشتۇرغۇچ تاقالمىغان ياكى قوزغاتقۇ يوق ياكى كۆكچىش چەكلەنگەن ياكى توسۇلغان بولۇشى مۇمكىن.