كۆكچىش ئۈسكۈنەمگە باغلىنالمىدىم

تۆۋەندىكىلەر كۆكچىش ئۈسكۈنىسىگە(تېلېفون ياكى تىڭشىغۇچ) نېمىشقا باغلانغىلى بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدۇر:

باغلىنىش چەكلەنگەن ياكىن ئىشەنچسىز

بىر قىسىم كۆكچىش ئۈسكۈنىلىرى كۆڭۈلدىكى ھالەتتە باغلىنىشنى چەكلىگەن بولىدۇ ، ياكى باغلىنىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۈسكىنىڭىزنىڭ باغلىنىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ.

كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنى تونۇمىغان

سىزنىڭ كۆكچىش ئۈسكۈنىڭىزنى(dapter/dongle) نى كومپيۇتېر تونۇمىغان. سەۋەبى كومپيۇتېرغا ئۈسكۈنىنىڭ قوزغاتقۇ دېتالى(drivers) ئورنىتىلمىغانلىقتىندۇر. بەزى كۆكچىش ئۈسكۈنىلىرىنى لىنۇكىس تېخى قوللىمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ قوزغاتقۇ دېتالىنىمۇ تاپالمايسىز. بۇنداق چاغدا لىنۇكىس قوللايدىغان ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئۈسكۈنە ئۈزچاتى ئېچىلمىغان

كۆكچىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۈزچاتى ئېچىلغانمۇ تەكشۈرۈڭ. ئۇسۇلى: تىزىملىك بالداق دىكى كۆكچىش سىنبەلگىسىنى چېكىپ، ئۈزچاتنىڭ ئېتىلىپ قالمىغان لىقىغا قارايسىز.

ئۈسكۈنە كۆكچىش باغلىنىشى تاقالغان

سىز باغلانغان بولغان ئۈسكۈنىدىكى كۆكچىش ئۈسكۈنىسى ئوچۇقمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. مەسىلەن: سىز تېلېفونغا باغلانماقچى بولغان بولسىڭىز، تېلېفوننىڭ ئايروپىلان ھالىتىدە ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.

كومپيۇتېردا كۆكچىش ئۈسكۈنىسى يوق

نۇرغۇن كومپيۇتېرلاردا كۆكچىش ئۈسكۈنىسى يوق. سېتىۋېلىپ ئاندىن ئىشلىتىڭ.