مەۋھۇم رەڭ باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسى دېگەن نېمە؟

مەۋھۇم ئۈسكۈنە دېگىنىمىز كومپيۇتېرغا ئۇلانمىغان رەڭ باشقۇرغۇچى ئۈسكۈنە. بۇنىڭ مىسالى تۆۋەندىكىدەك بۆلىشى مۇمكىن:

  • رەسىمنى يوللىسىڭىز بېسىپ چىقىرىپ سىزگە ئەۋەتىپ بېرىدىغان توردىكى بېسىپ چىقىرىش دۇكىنى

  • رەقەملىك كامېرادىكى ساقلاش كارتىسىغا ساقلانغان سۈرەتلەر

ئەگەر رەقەملىك كامېراغا مەۋھۇم سەپلىمە ھۆججەت قۇرسىڭىز، پەقەت بىر سۈرەت ھۆججەتنى سىستېما تەڭشەكلەر ◂ رەڭ سۆزلەشكۈگە سۆرىسىڭىزلا بولىدۇ. ئاندىن كېيىن باشقا ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭغا سەپلىمە ھۆججەت تەقسىملەيەلەيسىز ھەتتا ئۇنى تۈزەتەلەيسىز.