نېمىشقا ئۆزۈم تەڭشىشىم زۆرۈر؟
ئادەتتىكى سەپلىمە ھۆججەت كۆپىنچە ھاللاردا ياخشى ئەمەس. زاۋۇت يېڭى بىر مەھسۇلات تىپىنى چىقارغاندا ئۇلار پەقەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن بىر قانچە مەھسۇلاتنى ئېلىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى ئالىدۇ:
ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلمىنىڭ كۆرسىتىش تاختىسىنىڭ پەرقى بەك چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرسىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ سۈپەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ. پىرىنتېرغا نىسبەتەن ئەھۋال تېخىمۇ قىيىن، چۈنكى پەقەت قەغەز ياكى ئېغىرلىقىنىلا ئالماشتۇرغان تەقدىردىمۇ ئالاھىدىلىكنى تەھلىل قىلىش ھالىتى ئىناۋەتسىز، سەپلىمە ھۆججەت توغرا بولمايدۇ.
سىزدىكى سەپلىمە ھۆججەتنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزى تۈزىتىش ياكى باشقا شىركەت ئېنىق ئالاھىدىلىكنى تەھلىل قىلىپ سىزگە سەپلىمە ھۆججەت تەمىنلەشتۇر.
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- سەپلىمە ھۆججەتنى ئۈسكۈنىگە قانداق تەقسىملەيمەن؟ — بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىستېما تەڭشەكلەر ◂ رەڭ تاللانمىسىدىن ئىزدەڭ.
- مەن قەيەردىن رەڭ سەپلىمە ھۆججىتىگە ئېرىشەلەيمەن؟ — رەڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى زاۋۇت تەمىنلەيدۇ، ئۆزىڭىز قۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- مەۋھۇم رەڭ باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسى دېگەن نېمە؟ — مەۋھۇم ئۈسكۈنە دېگىنىمىز كومپيۇتېرغا ئۇلانمىغان رەڭ باشقۇرغۇچى ئۈسكۈنە.