زاپاسنى قەيەرگە ساقلايدۇ

ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ زاپاسلىغان ھۆججەتنى كومپيۇتېرىڭىزدىن باشقا ئورۇندا ساقلىماق زۆرۈر، مەسىلەن تاشقى قاتتىق دىسكا دېگەندەك. بۇنداق بولغاندا، كومپيۇتېر بۇزۇلغان تەقدىردىمۇ زاپاس ھۆججىتىڭىز تەسىرگە ئۇچۇرمايدۇ. ئەڭ بىخەتەر بولسۇن دېسىڭىز زاپاس ھۆججەتنى كومپيۇتېرىڭىز بىلەن ئوخشا بىر ئورۇندا ساقلىماڭ.ئۇنداق بولمىغاندا ئوت ئاپىتى ياكى ئوغرى دېگەندەكلەر سىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن.

مۇۋاپىق بولغان زاپاسلاش ۋاسىتىسى نى تاللاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. زاپاسلىغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقلاشقا يېتەرلىك بوشلۇق بولغان ئۈسكىنىدە ساقلاشقا موھتاج بولىسىز.

يەرلىك ۋە يىراقتىكى ساقلىغۇچ تاللانمىلىرى

  • USB دىسكىسى (سىغىمى كىچىك)

  • ئىچكى دىسكا (سىغىمى چوڭ)

  • سىرتقى قاتتىق دىسكا (سىغىمى ئالاھىدە چوڭ)

  • تورغا چېتىلغان دىسكا (سىغىمى چوڭ)

  • ھۆججەت/زاپاسلاش مۇلازىمېتىرى (سىغىمى چوڭ)

  • يېزىشقا بولىدىغان CD ياكى DVD دىسكىسى (سىغىمى كىچىك/ئوتتۇراھال)

  • توردىكى زاپاسلاش مۇلازىمەتلىرى (Amazon S3، ياكى Ubuntu One، سىغىمى باھاغا باغلىق.

بۇ تاللاشلارنىڭ بەزىلىرىدە يېتەرلىك بوشلۇق بولۇپ سىستېمىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى زاپاسلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنى سىستېمىنى تولۇق زاپاسلاش دېگەنلىكتۇر.