باشقىلار مەن ياسىغان سىننى قويالمىدى

ئەگەر سىز Linux كومپيۇتېرىدا سىن ياساپ ئۇنى Windows ياكى Mac OS نى ئىشلىتىدىغان كىشىگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، سىننى قويغاندا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

باشقا كىشى سىننى توغرا كۆرۈش ئۈچۈن، توغرا بولغان كودلىغۇچ-كودسىزلىغۇچ(codecs) نى ئورنىتىشى كېرەك. كودلىغۇچ-كودسىزلىغۇچ(codecs) بولسا سىننى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە سىننى ئېكراندا قانداق كۆرسىتىشنى بىلىدىغان كىچىك پروگرامما. ھازىر نۇرغۇن سىن پىچىملىرى مەۋجۇت، شۇلارغا ماس كودلىغۇچ-كودسىزلىغۇچ بولمىسا قويغىلى بولمايدۇ. سىننىڭ پىچىمىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:

  • ھۆججەت باشقۇرغۇ نى ئاچىسىز.

  • سىننى ئوڭ چېكىپ خاسلىق نى تاللايسىز.

  • ئۈن/سىن بەتكۈچىنى چېكىپ، سىن نىڭ ئاستىدا قانداق كودلىغۇچ-كودسىزلىغۇچ بارلىقىغا قارايسىز.

قويۇشتا مەسىلە كۆرۈلگەن كىشىدىن توغرا بولغان codec نى ئورناتتىمۇ يوق سوراپ بېقىڭ. سىن قويغۇ بىلەن ئىشلىتىۋاتقان codec نىڭ ئىسمى ئارقىلىق توردا ئىزدەپ كۆرۈشنىڭ كۆپ ياردىمى بۆلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەگەر سىزنىڭ سىننىڭ Theora دېگەن فورماتنى ئىشلەتكەن بولسا ھەمدە دوستىڭىز Windows Media Player نى ئىشلىتىپ قويماقچى بولغان بولسا "theora windows media player" دېگەن سۆز بىلەن ئىزدەپ كۆرسە بولىدۇ. ئەگەر ئورنىتىلمىغان بولسا كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا مۇۋاپىق بولغان codec نى توردىن چۈشۈرۈپ ھەقسىز ئورنىتالايسىز.

ئەگەر مۇۋاپىق كودلىغۇچ-كودسىزلىغۇچنى تاپالمىسىڭىز، VLC ۋاسىتە قويغۇ نى سىناپ كۆرۈڭ. بۇ قويغۇ Windows، Mac OS ۋە شۇنداقلا Linux دىمۇ ئىشلەيدۇ، ھەم قوللايدىغان سىن پىچىملىرىمۇ ئىنتايىن كوپ. يەنە بولمىسا، سىننىڭ پىچىمىنى باشقا بىر پىچىمغا ئايلاندۇرۇپ كۆرۈڭ. نۇرغۇنلىغان سىن تەھرىرلىگۈچلىرىدە ئايلاندۇرۇش مەشغۇلاتىنى قىلغىلى بولىدۇ، ياكى مەخسۇس ئايلاندۇرۇش قورالىمۇ بار بولۇپ، ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى دىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

سىننى قويالماسلىقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەر بۆلىشى مۇمكىن. سىز سىن ھۆججىتىنى ئەۋەتكەندە بۇزۇلۇپ كەتكەن ئېھتىماللىقى(بەزى ۋاقىتلاردا سىغىمى چوڭ بولغان ھۆججەتلەر مۇكەممەل كۆچۈرۈلمەيدۇ)، سىن قويغۇ پروگراممىسىدا مەسىلە بولۇش ئېھتىماللىقى، ياكى سىن ھۆججىتى مۇۋاپىق قۇرۇلمىغان بۆلىشى(سىن ھۆججىتىنى ساقلىغاندا خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن) دېگەندەك.