نېمىشقا DVD لارنى قويغىلى بولمايدۇ؟
ئەگەر DVD نى كومپيۇتېرغا سېلىپ قويۇلمىسا، سىزدە مۇۋاپىق بولغان DVD كودلىغۇچ/كودسىزلىغۇچ ئورنىتىلمىغان ياكى DVD باشقا رايون دىن كەلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى بار.
DVD قويغۇچىغا مۇۋاپىق بولغان codecs نى ئورۇنلاشتۇرۇش
DVD لارنى قويۇش ئۈچۈن سىزدە مۇۋاپىق بولغان كودلىغۇچ-كۆدسىزلىغۇچ(codecs) ئورنىتىلغان بولۇشى كېرەك. كودلىغۇچ-كۆدسىزلىغۇچ بولسا سىن ۋە ئۈن فورماتلىرىنى ئوقۇيدىغان پروگرامما. DVD قويماقچى بولۇپ مۇۋاپىق بولغان كودلىغۇچ-كۆدسىزلىغۇچ ئورنىتىلمىغان بولسا، كىنو قويغۇچ سىزگە بۇ توغرىلىق ئەسكەرتىش بېرىدۇ ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
DVD لاردا CSS دەپ ئاتىلىدىغان كۆپەيتىشتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇ سىزنى DVD نى كۆپەيتىشتىن توسۇپلا قالماي سىزدىن ئۇلارنى قويۇش ئۈچۈن قوشۇمچە يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلىدۇ.
DVD نىڭ رايونىنى تەكشۈرۈش
DVD لاردا رايون نومۇرى بار بولۇپ ، دۇنيادىكى قايسى رايوندا قويۇشقا بولىدىغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن بولىدۇ. DVD قويغۇچلار ئوخشاش ئورۇندىن كەلگەن DVDلارنىلا قويالايدۇ. مەسىلەن سىزدە رايون 1 DVD قويغۇ بولسا سىز پەقەت شىمالىي ئامېرىكىدىن كەلتۈرۈلگەن DVD نىلا قويالايسىز.
ئادەتتە DVD نىڭ رايونىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، بىراق بىر قانچە قېتىملا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن قۇلۇپلىنىپ، قايتا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. كومپيۇتېرنىڭ DVD قۇيغۇچىسىنىڭ DVD رايونىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن رايون بېكىتىش ئىشلىتىڭ.
More Information
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- DVD لارنى قويۇش ئۈچۈن قانداق قىلىپ چەكلەنگەن codecs نى قوزغىتىمەن؟ — كۆپىنچە تىجارەت خاراكتېردىكى DVD لار شىفىرلانغان بولۇپ شىفىرسىزلاش يۇمشاق دېتالى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قويۇلمايدۇ.