بىخەتەر بولغان ئىمنى تاللاش

تاللىغان ئىمىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېسىدە ئاسان تۇرىدىغان ، لېكىن باشقىلارنىڭ پەرەز قىلىش تەس بولسۇن(كومپيۇتېر پروگراممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

ياخشى بولغان بىر ئىمنى تاللاش سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ \r ئىمىڭىز ئاسانلا پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ قالسا، باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىش شۇنداقلا سىزنىڭ \r شەخسى ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشىۋېلىشى مۇمكىن.

باشقىلار ھەتتا كومپيۇتېر ئارقىلىق سىستېمىلىق ھالدا سىزنىڭ ئىمىڭىزنى بىلىشكە ئۇرۇنىدۇ، ئادەم ئۈچۈن پەرەز قىلىش تەس بولغان نەرسە كومپيۇتېر ئۈچۈن ئىنتايىن بىر ئاسان ئىش بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار.تۆۋەندە ياخشى بولغان ئىمنى تاللاش ئۈچۈن بىر قانچە يول كۆرسىتىلدى.

  • چوڭ ھېرىپ ،كىچىك ھېرىپ، سان ،بەلگە شۇنداقلا بوشلۇق قاتارلىقلارنىڭ بىرىكمىسىنى ئىشلىتىش. بۇنداق بولغاندا پەرەز قىلىش قېيىنغا چۈشىدۇ؛تاللىغىلى بولىدىغان بەلگىلەر كۆپ بولۇپ ، سىزنىڭكىنى پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنغاندا كۆپلىگەن ئېھتىماللىقنى سىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.

    ياخشى ئىمنى تاللاشنىڭ ياخشى بىر ئۇسۇلى بولسا ،ئېسىڭىزدە تۇتالايدىغان ھەر بىر سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپىنى لىڭ. بۇ سۆز بەلكىم بىر كىنونىڭ ، ياكى كىتابنىڭ ،ناخشىنىڭ ياكى بولمىسا ئالبومنىڭ بولسا بولىدۇ. مەسىلەن "Flatland: A Romance of Many Dimensions" نى F:ARoMD ياكى faromd ياكى f: aromd دەپ ئېلىشقا بولىدۇ.

  • ئىمنى قانچە ئۇزۇن قىلسىڭىز شۇنچە ياخشى.كۆپرەك ھەرپلەرنى ئوز ئىچىگە ئالسا ، ئادەمنىڭ ياكى كومپيۇتېرنىڭ پەرەز قىلىپ چىقىشىغا شۇنچە كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.

  • ھەرقانداق بىر تىلدىكى لۇغەتتە ئۇچرايدىغان سۆزنى ئىشلەتمەڭ. ئىمنى يېشىدىغانلار ئالدى بىلەن \r مۇشۇلارنى سىنايدۇ.كۆپ ئۇچرايدىغان ئىم "password" غا ئوخشاش ئىمنى كىشىلەر ئاسانلا پەرەز قىلالايدۇ.

  • چېسىلا،نومۇر تاختىسىدىكى نومۇر، ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى دېگەندەك شەخسى ئۇچۇرنى ئىشلەتمەڭ.

  • سۆزلەرنىڭ ئىسىم ھالىتىنى ئىشلەتمەڭ.

  • باشقىلا قاراپ تۇرغاندا ، باشقىلار تەرىپىدىن بىلىپ قىلىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تىز كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئىمنى تاللاڭ.

    ئىمىڭىزنى ھەرگىز يېزىپ قويماڭ.ئاسان قولغا چۈشۈپ قالىدۇ!

  • ئوخشىمىغان نەرسىگە ئوخشىمايدىغان ئىمنى ئىشلىتىڭ.

  • ئوخشىمىغان ھېساباتقا ئوخشىمىغان ئىمنى ئىشلىتىڭ.

    ئەگەر ھەممە ھېساباتىڭىزغا ئوخشاش ئىمنى ئىشلەتسىڭىز، ئىمنى بىلىۋالغان ئادەمنى دەرھاللا سىزنىڭ ھەممە ھېساباتىڭىزغا تېگىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

    كۆپ بولغان ئىمنى ئەستە تۇتۇش بىر قەدەر تەس،ھەرقانداق نەرسىگە ئوخشاش بولمىغان ئىمنى ئىشلىتىشتەك بىخەتەر بولمىسىمۇ، مۇھىم ئەمەس نەرسىلەرگە ئوخشاش ئىمنى (تور بەتلەرگە ئوخشاش)،مۇھىم بولغان نەرسىلەرگە(تور بانكىسى ۋە ئېلخەتكە دېگەندەك) ئوخشاش بولمىغان ئىمنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

  • ئىمنى قەرەللىك ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ.