ئىمنى ئۇنتۇپ قالدىم!

ياخشى بولغان ئىمنى تاللاش مۇھىم بولۇپلا قالماي ئەستە تۇتۇشقا بولىدىغاننى تاللاشمۇ مۇھىم. ئەگەر سىز كومپيۇتېرغا كىرىش ئىمىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ،تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە قايتىدىن بېكىتسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىزدە شىفىرلانغان home مۇندەرىجىسىدە بولسا، ئۇنتۇپ قالغان ئىمنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز.

ئەگەر ئىمىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرگە قاراڭ ئىم ئۆزگەرتىڭ.

Grup ئارقىلىق ئىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

  1. كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغىتىپ ،Grub تىزىملىكىگە كىرگۈچى بولغان ئارىلىقتا Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ.

    ئەگەر سىزدە قوش-قوزغاتما ماشىنا بولسا شۇنداقلا قوزغىتىلغاندا قايسى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىشىنى تاللىغان بولسىڭىز. Grub تىزىملىكى ئۆزلۈكىدىن كۆرۈنىدۇ، Shift كۇنۇپكىسىنى \r بېسىپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

    ئەگەر سىز Grub قوزغىتىش تىزىملىكىگە كىرەلمىسىڭىز ، ئۇنداقتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھالىتىگە كىرەلمەيسىز، بۇ ئەھۋالدا سىز live CD ئارقىلىق ئىمنى قايتا ئورناتسىڭىز بولىدۇ.

  2. ئاستى يا ئوق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 'recovery mode' نى تاللىغاندىن كىيىن Enterكۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

  3. كومپيۇتېرىڭىز قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرىپ بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ. ئاستى يا ئوق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ root قا ئەكېلىپ Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

  4. # بەلگە بار ئورۇنغا كىرگۈزۈڭ:

    passwd ئىشلەتكۈچى ئىسمى،ئىشلەتكۈچى ئىسمى بولسا سىز ئىمنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

  5. يېڭىدىن UNIX ئىمنى كىرگۈزۈش ۋە جەزملەشنى ئەسكەرتىدۇ.

  6. ئاندىن بۇنى كىرگۈزۈڭ:

    # reboot

مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەندىن كىيىن، ئاچقۇچ ھالقىسىنى زىيارەت قىلالمايسىز(كونا ئىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا). بۇ دېگەنلىك سىمسىز تور ، jabber ھېساباتىڭىز قاتارلىق سىزنىڭ بارلىق ساقلانغان ئىمىڭىزنى زىيارەت قىلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ كونا ئاچقۇچ ھالقىسىنى ئۆچۈرۈپ\r يېڭىدىن بىرنى ئورنىتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

Live CD ۋە USB ئارقىلىق ئىمنى قايتا ئورنىتىش

  1. CD ياكى USB نى قوزغىتىڭ.

  2. قوزغاتقۇچى ئورنىتىڭ.

  3. پروگرامما قوزغىتىش كۆزنىكىنى ئېچىش ئۈچۈن Alt+F2 نى بېسىڭ.

  4. gksu nautilus نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىش ئارقىلىق سىستېما دائىرىسىدىكى ئىمتىياز بىلەن ھۆججەت باشقۇرغۇچىنى قوزغىتىڭ.

    home نى ئۇنىڭدىن كىيىن ئىسمىڭىزنى چېكىش ئارقىلىق ئورناتقان قوزغاتقۇچى پروگراممىڭىزنىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  5. ئورنىتىلغان قوزغاتقۇچىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇندەرىجىسىگە چىقىپ ، etc مۇندەرىجىسىگە بىرىڭ.

    'shadow' ھۆججىتىنى تاللاڭ شۇنداقلا زاپاسلاڭ:

    1. shadow ھۆججىتىنىڭ ئۈستىدە چاشقىنەكنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كۆچۈر نى تاللاڭ.

    2. بوش ئورۇنغا چاشقىنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ چاپلا نى تاللاڭ.

    3. ئات ئۆزگەرت ئارقىلىق زاپاسلىغان ھۆججەتنىڭ ئىسىمنى "shadow.bak" غا ئۆزگەرتىڭ.

  6. ئەسلىدىكى "shadow" ھۆججەتنى تېكىست تەھرىرلىگۈچى بىلەن تەھرىرلەڭ.

  7. ئىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئىشلەتكۈچى ئىسمىڭىزنى تىپىڭ. تۆۋەندىكىدەك بولۇشى كېرەك (قوش چېكىتنىڭ كەينىدىكى ھەرپلەر ئوخشاش بولمايدۇ):

    username:$1$2abCd0E ياكى

    username:$1$2abCd0E:13721a:0:99999:7:::

  8. بىرىنچى قوش چېكىت بىلەن ئىككىنچى قوش چېكىت ئارىلىقىدىكى ھەرپلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.ھېساباتنىڭ ئىمى ئۆچۈرۈلگەن بولىدۇ.

    ھۆججەتنى ساقلاڭ ، ھەممە نەرسىدىن چېكىنىپ چىقىپ ، كومپيۇتېرنى CD ۋە USB يوق ھالەتتە قايتا قوزغىتىڭ.

  9. قوزغىتىپ قاچىلاش ھالىتىگە قايتىپ كېلىپ ، تىزىملىك بالداقتىكى ئىسمىڭىزنى چېكىڭ ، ھېساباتىم نى ئىچىپ ئىمنى قايتا بەلگىلەڭ.

  10. نۆۋەتتىكى ئىم قۇرۇق بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئىم غا ھېچنېمە كىرگۈزمەڭ،دەلىللە نى چېكىڭ ۋە يېڭى ئىمنى كىرگۈزۈڭ.

مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەندىن كىيىن، ئاچقۇچ ھالقىسىنى زىيارەت قىلالمايسىز(كونا ئىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا). بۇ دېگەنلىك سىمسىز تور ، jabber ھېساباتىڭىز قاتارلىق سىزنىڭ بارلىق ساقلانغان ئىمىڭىزنى زىيارەت قىلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ كونا ئاچقۇچ ھالقىسىنى ئۆچۈرۈپ\r يېڭىدىن بىرنى ئورنىتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئاچقۇچ ھالقىسىنى تازىلاش

بۇ سىزنىڭ سىمسىز تور ، مۇڭداشقۇ ھېساباتىڭىز قاتارلىق بارلىق ساقلاقلىق ئىمىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.\r بۇنى پەقەت ئاچقۇچلاشقا ئىشلەتكەن ئىمىڭىزنى ئەسلىيەلمىگەندىلا قوللۇنۇڭ.

  1. باش تاختىدا ‹home› نى كىرگۈزۈپ، ماكان مۇندەرىجىڭىزگە بېرىڭ.

  2. Ctrl+h نى بېسىپ (ياكى كۆرۈش ◂ يوشۇرۇن ھۆججەتنى كۆرسەت نى چېكىڭ)

  3. .gnome2 ھۆججەت قىسقۇچىنى قوش چېكىڭ

  4. ئاچقۇچ ھالقىسى(keyrings) دېگەن ھۆججەت قىسقۇچىنى قوش چېكىڭ .

  5. keyrings ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھەرقانداق ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.

  6. كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.

قايتا قوزغىتىپ كىرگەندىن كىيىن سىمسىز تورنىڭ ئىمنى كىرگۈزۈشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ.