ئىم ئۆزگەرتىڭ

ئىمنى قەرەللىك ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ياخشى ئادەت. بولۇپمۇ باشقىلار سىزنىڭ قانداق ئىمنى ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەھۋالدا.

  1. تىزىملىك ئىستونىدىكى ئىسمىڭىزنى چېكىش بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچى ھېساباتىنى تاللاڭ

  2. ئىم نىڭ يېنىدىكى بەلگىنى چېكىڭ.

    ئەگەر سىز ئاللىبۇرۇن ئىم ئورنىتىپ بولغان بولسىڭىز ، بەلگە بىر قاتار چېكىتلەر ياكى رامكىلار شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.

  3. نۆۋەتتىكى ئىمنى كىرگۈزۈڭ ، ئاندىن يېڭى ئىمنى ، ئىمنى جەزملەش رامكىسىغا يېڭى ئىمنى قايتا كىرگۈزۈڭ.

    سىز يېڭى ئىم بۆلىكىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق تەرتىپسىز ياسالغان ئىمنى ھاسىل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىمنى باشقىلارنىڭ پەرەز قىلىپ تېپىشى تەس، لېكىن ئەستە تۇتۇشقا قۇلايسىز، شۇڭلاشقا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز دىققەت قىلىڭ.

  4. ئۆزگەرت نى چېكىڭ.

ياخشى بولغان ئىمنى تاللاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. سىزنىڭ ھېساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىسى بولىدۇ.

ئاچقۇچ ھالقىسىنىڭ ئىمىنى ئۆزگەرتىش

ئەگەر تىزىمغا كىرىش ئىمنى ئۆزگەرتسىڭىز، ئاچقۇچ ھالقىسى ئىم بىلەن قەدەمداشلانمايدۇ. ئاچقۇچ ھالقىسى سىزدىن پەقەت بىرلا ئاساسى ئىمنى تەلەپ قىلىش بىلەن سىزنى كۆپلىگەن ئىملارنى ئەستە تۇتۇشتىن خالى قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئىمنى ئۆزگەرتسىڭىز ، سىزنىڭ ئاچقۇچ ھالقا ئىمىڭىز بۇرۇنقى پىتى تۇرىدۇ شۇنداقلا كىرگەندە ئاچقۇچ ھالقىسى ئاپتوماتىك ھالدا يېشىلمەيدۇ.

  1. باش تاختا تىن ئىم ۋە ئاچقۇچ دېگەن پروگراممىنى ئېچىڭ.

  2. ئىم دېگەن رامكىدا ، ئىم: كىرىش نىڭ ئۈستىدە چاشقىنەكنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ .ئىمنى ئۆزگەرت نى تاللاڭ.

  3. كونا ئىمىڭىز نى كىرگۈزۈڭ ، ھەمدە يېڭى ئىم نى كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە قايتا كىرگۈزۈش ئارقىلىق جەزملەڭ.

  4. OK نى چېكىڭ