باشقۇرۇش ئىمتىيازىنىڭ(privileges) خىزمىتى قانداق؟

سىز قۇرغان ھۆججەتلەر بىلەن بىرگە كومپيۇتېرىڭىزدا سىستېمىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىش ئۈچۈن لازىم بولغان ھۆججەتلەر بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇھىم بولغان سىستېما ھۆججەتلىرىنى مۇۋاپىق بولمىغان ئۆزگەرتىش ، ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتە ئۇلار ئۆزگەرتىشتىن ساقلىنىدىغان قىلىنغان. بەزى پروگراممىلار سىستېمىنىڭ مۇھىم بولغان قىسمىغا ئۆزگەرتىش لىپ بارىدۇ، ئەلۋەتتە بۇلارمۇ قوغدالغان بولىدۇ.

بۇ ھۆججەتلەرنى ۋە پروگراممىلارنى پەقەت باشقۇرغۇچى ھوقۇقى بولغان ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىشلىتىشىگە ۋە ئۆزگەرتىشىگە بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتە سىستېما ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىش ياكى ئۆزگەرتىشكە ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ئەھۋالدا سىزدە باشقۇرغۇچى ھوقۇقى بولمايدۇ.

بەزىدە سىزنىڭ بۇ پروگراممىلارنى ئىشلىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچى ھوقۇقى سىزنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، سىز يېڭىدىن يۇمشاق دېتال قاچىلىماقچى بولسىڭىز ،يۇمشاق دېتال قاچىلىغۇچى(بوغچا باشقۇرغۇچىسى) سىزدىن باشقۇرغۇچى ئىمنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى پروگراممىنى سىستېمىغا قاچىلايدۇ. تاماملىنىشى بىلەن بىرگە سىزنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىڭىزمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ.

قوللانغۇچىلار باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بەزىلىرى ئىگە ئەمەس. باشقۇرۇش ھوقۇقسىز سىز يۇمشاق دېتالنى قاچىلىيالمايسىز، مەسىلەن، بەزى قوللانغۇچى ھېساباتى(مەسىلەن "root" ھېساباتى) مەڭگۈلۈك باشقۇرغۇچى ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. تاسادىپىي مۇھىم ھۆججەتنى ئۆزگەرتىپ سېلىپ بەزى نەرسىلەرنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغانلىق ئۈچۈن داۋاملىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئانچە ياخشى ئەمەس.

ئومۇمەن، باشقۇرغۇچى ھوقۇقى زۆرۈر بولغاندا سىزنى سىستېمىنىڭ مۇھىم قىسىمنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ئەمما تاسادىپىي مەشغۇلات قىلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

«ئالىي ئىشلەتكۈچى» دېگەن نېمە؟

باشقۇرغۇچى ھوقۇقى بار ئىشلەتكۈچى بەزىدە ئالىي ئىشلەتكۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىگە قارىغاندا كۆپ ئىمتىيازلىق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بەلكىم كىشىلەرنىڭ su بىلەن sudo ئۈستىدىكى قىلىشقان مۇنازىرىلىرىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇلار سىزنى ۋاقىتلىق «ئالىي ئىشلەتكۈچى» قىلىدىغان پروگراممىلاردىن ئىبارەت.

باشقۇرۇش ئىمتىيازىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

مەقسەتلىك ياكى تاسادىپىي بولغان سىستېمىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان سىستېما ئۆزگىرىشىدىن بۇرۇن ئىشلەتكۈچىدىن باشقۇرغۇچى ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ئىنتايىن ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە.

ئەگەر سىزدە داۋاملىق باشقۇرغۇچى ھوقۇقىنى بولسا، سىز تاسادىپىي ھالدا مۇھىم بولغان ھۆججەتنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز ياكى خاتالىشىپ مۇھىم بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتىپ قويىدىغان پروگراممىنى قوزغىتىپ قويسىڭىز مۇمكىن. باشقۇرغۇچى ھوقۇقىغا ۋاقىتلىقلا ئىگە بولسىڭىز ، باشقۇرۇش ھوقۇقى لازىم بولغاندا ، بۇ خاتالىقلارنىڭ خېيىم خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

پەقەت مەلۇم ياكى ئىشەنچلىك ئىشلەتكۈچىلا باشقۇرغۇچى ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېردىكى سىزگە لازىملىق پروگراممىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش، سىزگە لازىم بولمايدىغان پروگراممىنى قاچىلاش ياكى مۇھىم بولغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىش دېگەندەك قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن لىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە.