يېڭىدىن ئىشلەتكۈچى ھېساباتىنى قوشۇش

سىز كومپيۇتېرىڭىزغا كۆپ ئىشلەتكۈچى ھېساباتىنى قوشالايسىز. ئۆيىڭىزدىكى ياكى شىركەتتىكى ھەر بىر ئادەمگە بىردىن ھېساباتنى بەرسىڭىز بولىدۇ. ھەربىر ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ home ھۆججەت قىسقۇچى ، ھۆججەتلىرى شۇنداقلا تەڭشەكلىرى بولىدۇ.

  1. تىزىملىك ئىستونىدىكى ئىسمىڭىزنى چېكىش بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچى ھېساباتىنى تاللاڭ

  2. ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭدىكىئاچ چېكىڭ ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىمنى كىرگۈزۈڭ . ئىشلەتكۈچى ھېساباتىنى قوشۇش ئۈچۈن سىز چوقۇم باشقۇرغۇچى بولۇشىڭىز كېرەك.

  3. ئىشلەتكۈچى قوشۇش ئۈچۈن سول تەرەپتىكى ھېساباتتىن + كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.

  4. يېڭى ئىشلەتكۈچىگە باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرمەكچى بولسىڭىز، ئىشلەتكۈچى تىپىغا باشقۇرغۇچى نى تاللاڭ. باشقۇرغۇچى ئىشلەتكۈچى قوشۇش، ئۆچۈرۈش، يۇمشاق دېتال ۋە قوزغاتقۇ ئورنىتىش، چېسلا ۋە ۋاقىت ئۆزگەرتىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلالايدۇ.

  5. يېڭى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. ئىشلەتكۈچى ئىسمى ئىسىم-فامىلىسىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك تولدۇرۇلىدۇ. ئاپتوماتىك تولدۇرۇلغىنىدا چاتاق بولماسلىقى مۇمكىن ، ئەگەر بولۇپ قالسا ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  6. تاماملانغاندا قۇر نى چېكىڭ.

  7. ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىمى توغرىسىدا مەشغۇلات قىلىشنى تاللىمىغانغا قەدەر ، ھېسابات چەكلەنگەن ھالەتتە بولىدۇ. تىزىمغا كىرىش تاللانمىسى نىڭ ئاستىدىكى ھېسابات چەكلەندى نى چېكىڭ. مەشغۇلات تارتما تىزىملىكىنى ئىشلىتىپ ئىمنى ھازىر ئورنىتىش، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىمسىز كىرىشىڭە رۇخسەت قىلىش، ياكى ئىشلەتكۈچى تۇنجى قېتىم كىرگەندە ئىمنى ئورنىتىدىغان قىلىشنى بەلگىلەڭ.

    ئەگەر ئىمنى ھازىر ئورنىتىشنى تاللىغان بولسىڭىز ،ئىشلەتكۈچى كىرگۈزىدىغان يېڭى ئىم ۋە ئىمنى جەزملەڭ دېگەن بۆلەك بولىدۇ. بۇ ئۇلىنىشقا قاراڭبىخەتەر بولغان ئىمنى تاللاش.

    سىز يېڭى ئىم بۆلىكىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق تەرتىپسىز ياسالغان ئىمنى ھاسىل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىمنى باشقىلارنىڭ پەرەز قىلىپ تېپىشى تەس، لېكىن ئەستە تۇتۇشقا قۇلايسىز، شۇڭلاشقا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز دىققەت قىلىڭ.

  8. ئۆزگەرت نى چېكىڭ.

ئىشلەتكۈچى ھېساباتلار كۆزنىكىگە قايتىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسمى يېنىدىكى رەسىمنى چېكىش ئارقىلىق ھېساباتىڭىزغا رەسىم قاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ رەسىم تىزىمغا كىرىش كۆزنىكىدە كۆرۈنىدۇ. GNOME بىر قىسىم تەييار رەسىملەرنى سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە تەمىنلىگەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمنى تاللىسىڭىزمۇ ياكى تور كامېراسى بىلەن تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ.