شۇئان سۈرگۈچ بالداق دېگەن نېمە؟

ئۇبۇنتۇ شۇئان سۈرگۈچ بالداقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋى سۈرگۈچ بالداقتىن تېخىمۇ ئاز بولغان ئېكران بوشلۇقىنى ئىگىلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن كۆرسىتىشىڭىز ئۈچۈن بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. گەرچە ئەنئەنىۋى سۈرگۈچ بالداقنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىدە قوزغىتىشنقا ئېھتىياجلىق بولمىسىمۇ، ئۇبۇنتۇ شۇئان سۈرگۈچ بالداق لايىھەسى چاشقىنەك بىلەن ناھايىتى ماسلىشىدۇ.

Firefox ۋە LibreOffice قا ئوخشاش بىر قىسىم ئەپلەر تېخى يېڭى سۈرگۈچ بالداقنى قوللىمايدۇ.

سۈرگۈچ بالداق ئىشلىتىش

شۇئان سۈرگۈچ بالداق قىزغۇچ سېرىق ئىنچىكە تاسماق شەكلىدە دومىلاتقىلى بولىدىغان دائىرىنىڭ يېنىدا كۆرۈنىدۇ. سۈرگۈچ بالداقنىڭ ئورنى ئېكراننىڭ دومىلاتقىلى بولىدىغان مەزمۇننىڭ ئورنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنچىكە تاسماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى مەزمۇن ئۇزۇنلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ مەزمۇن قانچە ئۇزۇن بولسا ئىنچىكە تاسماق شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ.

چاشقىنەكنىڭ دومىلىتىدىغان دائىرىنىڭ خالىغان جايىغا يۆتكىگەندە سۈرگۈچ تۇتقۇچنى كۆرسىتىدۇ.

سۈرگۈچ بالداقنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

  • سۈرگۈچ تۇتقۇچنىڭ ئۈستى يېرىمى بەتنى ئۈستىگە سۈرىدۇ، ئاستى يېرىمى چېكىلسە بەتنى ئاستىغا سۈرىدۇ.

  • سۈرگۈچ تۇتقۇچنى ئاستى ئۈستى سۈرۈش ئارقىلىق بەتنى كۆرمەكچى بولغان جايغا سۈرەلەيسىز.

  • ئوتتۇرا-چېكىش چاشقىنەك ئوتتۇرا كۇنۇپكىسىدا سۈرگۈچ تۇتقۇچنى چېكىپ بەت بويىچە دومىلاتقىلى بولىدۇ، بۇ ئۇزۇن پۈتۈكتە ناھايىتى قولايلىق.

سۈرگۈچ بالداقنى چەكلەش

ئەگەر ئەنئەنىۋى سۈرگۈچنى ياقتۇرسىڭىز يېڭى سۈرگۈچ بالداقنى چەكلىيەلەيسىز:

  1. Ctrl+Alt+t نى بېسىپ ياكى باش تاختا دا terminal نى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تېپىپ، پروگرامما تېرمىنال نى ئىجرا قىلىسىز.

  2. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ:

    gsettings set org.gnome.desktop.interface ubuntu-overlay-scrollbars false
  3. چىقىپ ئاندىن قايتا كىرسىڭىز ئۆزگىرىشلەر كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئەگەر پىكرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ يېڭى سۈرگۈچ بالداقنى قوزغاتماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىڭ:

gsettings reset org.gnome.desktop.interface ubuntu-overlay-scrollbars

ئۆرنەكىڭىزنى يۇقىرى ئاق-قارىلىققا تەڭشىسىڭىز شۇئان سۈرگۈچ بالداقنى چەكلەيدۇ.