ئىجراچىنى ئىشلىتىپ پروگراممىنى ئىجرا قىلىش

ئىجراچى سىنبەلگىسى

ئىجراچى Unity ئۈستەلئۈستىدىكى ئەڭ مۇھىم بۆلەكلەرنىڭ بىرى. سىستېمىغا كىرگەندە ئۇ ئادەتتە سول تەرەپتە(ئۇيغۇرچىدا ئوڭ تەرەپتە) كۆرۈنىدۇ. ئىجراچى ئارقىلىق پروگراممىلارنى تېز ئىجرا قىلىشقا، خىزمەت رايونلىرىنى كۆرۈشكە، يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەرنى زىيارەت قىلىشقا ۋە شۇنداقلا ئەخلەتخانىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئىجراچىدىكى بىرەر پروگراممىنى ئىجرا قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ سىنبەلگىسىنى چەكسىڭىزلا ئىش تامام.

ئىجرا ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن، ئىجراچى ھەققىدىكى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي ئوقۇڭ.