ئۇبۇنتۇ 12.04 LTS غا مەرھابا

Ubuntu 12.04 نىڭ Unity چىراي ئالاھىدىلىكى پۈتۈنلەي قايتىدىن لايىھىلەنگەن ئارايۈزىدۇر. توسالغۇنى ئازايتىپ سىزگە تېخىمۇ كەڭ بولغان خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن Unity تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.

بۇ قوللانما سىزنىڭ Unity ۋە ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستىنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىدۇ. ئالدى بىلەن Unity نىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرىمىز، ۋە سىزگە قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىمىز.

Unity ئىشلىتىشنى باشلاش

Unity ئۈستەلئۈستى

«ئىجراچى» ۋە «ماكان توپچىسى»

ئىجراچى

سىستېمىغا كىرگەندە ئىجراچى ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىن ئەڭ كوپ ئىشلىتىلىدىغان پروگراممىلارنى تەز ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

باش تاختا

ئېكراننىڭ ئۈستى سول بۇلۇڭىدا، ھەمىشە ئىجراچىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدىغان ئۇبۇنتۇ توپچىسى بار. مەزكۇر ئۇبۇنتۇ توپچىسى چېكىلسە، Unity سىزگە ئۈستەلئۈستىنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى باش تاختا تۇر.

Unity باش تاختىسى

بۇ باش تاختا نى ئىشلىتىش ئارقىلىق، پروگرامما، ھۆججەت ۋە مۇزىكىلارنى ئاسان تاپقىلى ۋە ئاچقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئىزدەش بالدىقىغا «پۈتۈك» دەپ كىرگۈزسىڭىز، باش تاختا سىزگە پۈتۈكلەرنى يازىدىغان ۋە تەھرىرلەيدىغان پروگراممىلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا سىز يېقىندا ئىشلەتكەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈكلەرنى ۋە قىسقۇچلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يەنە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىنتېرنېت، سۈرەت، ئېلخەت ۋە مۇزىكىلارغا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلارنىڭ تېزلەتمىلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ باش تاختىنىڭ سىزگە نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز باش تاختا ھەققىدىكى كۆرسەتمە-ھۈنەرلەرنى زىيارەت قىلىڭ.