HUD دېگەن نېمە؟

HUD ياكى Heads Up Display دەپ ئاتىلىدۇ، ئىزدەش ئاساسىدىكى ئەنئەنىۋى تىزىملىكنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئىقتىدار، Ubuntu 12.04 LTS نىڭ بەلگە خاراكتىرلىق يېڭى ئىقتىدارى.

Gimp ياكى Inkscape غا ئوخشاش بىر قىسىم ئەپلەرنىڭ نۇرغۇن تىزىملىكلىرى بار. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئەپ ئىشلەتسىڭىز، تىزىملىك ئاتىنى ئەستە تۇتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن ئەمما ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

ئىزدەش قۇتىسى مۇرەككەپ تىزىملىك قەۋىتىدىن ئىزدەشتىن تېخىمۇ قولاي ھەم تېز بولۇشى مۇمكىن. HUD چاشقىنەكنى دەل تىزگىنلىيەلمەيدىغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق.

HUD نى ئىشلىتىش

HUD نى سىناپ كۆرۈش ئىنتايىن ئاددىي:

  1. Alt نى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ HUD نى ئاچىسىز.

  2. كۇنۇپكىنى باسىسىز.

  3. ئىجرا قىلىشنى ئويلىغان نەتىجىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئاستى ئۈستى كۇنۇپكىدا نەتىجىنى تاللاپ ئاندىن Enter نى بېسىڭ ياكى لازىملىق نەتىجىنى بىۋاستە چېكىڭ.

  4. If you change your mind and want to exit the HUD, simply type Alt again or Esc. You can also click anywhere outside the HUD to close the HUD.

HUD كىرگۈزگەن مەزمۇنىڭىزنى ئىزلايدۇ ھەمدە ئۆزلۈكىدىن ئىزدەش نەتىجىسىنى تەڭشەپ ئىشلىتىشىڭىزگە قولايلىق يارىتىدۇ.