باش تاختا(dash) ئارقىلىق پروگراممىلارنى، ھۆججەتلەرنى، مۇزىكىلارنى ۋە باشقىلارنى تېپىش

Unity ئىزدەش

تاختا نى ئىشلىتىش ئارقىلىق، پىروگرامما، ھۆججەت ۋە نەغمىلەرنى ئىزدىگىلى، يېقىندا ئىشلەتكەن تۈرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. سىز بىرەر ئېلېكترونلۇق جەدۋەل(spreadsheet) ئىشلەپ ياكى بىرەر سۈرەتنى تەھرىرلەپ ئۇنى قەيەرگە ساقلىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، Dash نىڭ مۇشۇ خىل ئىقتىدارىنىڭ پايدىلىنىپ ئۇنى تېزلا تاپالايسىز.

باش تاختا نىڭ ئىچىدە ئىزدەش بالدىقى، پروگرامما ۋە ھۆججەت تېزلەتمىلىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان پروگراممىلارنىڭ ئىجراچىلىرى بار(توركۆرگۈ، ئەخلەت پروگراممىسى قاتارلىقلار).

باش تاختا نى ئېچىش ئۈچۈن، ئېكراننىڭ ئۇستى-سول تەرىپىدىكى ئۇبۇنتۇنىڭ تۇغىنى چېكىسىز ياكى Super كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. باش تاختا نى يوشۇرۇش ئۈچۈن Esc باسسىڭىز بولىدۇ.

پروگرامما ۋە ھۆججەت تېزلەتمىلىرى

ئېكراندىكى باش تاختانىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قۇردىكى توپچىلارنى چېكىپ، ئەينەكلەر نى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئەڭ ئاستىدىكى قۇردىكى ئىككىنچى سىنبەلگە چېكىلسە، پروگراممىلار دېگەن ئەينەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردە سىز كۆپ ئىشلىتىدىغان، سىز ئورناتقان پروگراممىلار، ۋە شۇنداقلا «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» دىن ئورناتقان قوشۇمچە پروگراممىلار بار.

ئەڭ ئاستىدىكى قۇردىكى پۈتۈك سىنبەلگىسىنى چەكسىڭىز، سىز يېقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەر تىزىمى، چۈشۈرۈلمىلەر قىسقۇچىدىكى ھۆججەتلەر تىزىمى ۋە خەتكۈچلەنگەن قىسقۇچلار تىزىمى كۆرۈنىدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى ئىككى كۆرۈنۈشتە يەرلىك ۋە توردىكى نەغمە ۋە سىننى كۆرسىتىدۇ.

ئەڭ ئاستىنقى قۇردىكى ماكان توپچىسىنى چەكسىڭىز، باش تاختىنىڭ باش كۆرۈنۈشىگە قايتالايسىز.