ئۇبۇنتۇغا مەسىلە مەلۇم قىلىش

ئۇبۇنتۇ مەسىلە بايقىسىڭىز، ئۇنى كەمتۈك مەلۇماتى سۈپىتىدە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ.

  1. نۇرغۇنلىغان پروگراممىلاردا ياردەم دېگەن تىزىملىكىدىكى مەسىلەر مەلۇم قىلىش نى تاللاپ مەلۇم قىلىش بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا پروگراممىلاردا Alt+F2 بېسىپ ubuntu-bug پروگرامما ئاتى نى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ

    ئەگەر مەسىلە قاتتىق دېتالدا بولسا ياكى پروگراممىنىڭ ئاتىنى بىلمىسىڭىز ubuntu-bug نىلا كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ

  2. يۇقىرىقى بىرەر مەشغۇلاتتىن كېيىن، ئۇبۇنتۇ كەمتۈككە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ. يىغىلغان مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز مەلۇماتنىڭ مەزمۇنى نى چەكسىڭىز بولىدۇ. مەلۇمات يوللا نى چەكسىڭىز داۋاملىشىدۇ.

  3. كەمتۈك سانلىق-مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى داۋام قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر توركۆرگۈ بەتكۈچى ئېچىلىدۇ. ئۇبۇنتۇ كەمتۈكلەرنى باشقۇرۇشتا Launchpad دېگەن تورتۇرانى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ Launchpad ھېساباتىڭىز بولمىسا، كەمتۈكنى يوللىيالمايسىز. شۇڭا خەتلىتىشىڭىز زۆرۈردۇر. شۇنداقتا سىز يوللىغان كەمتۈكنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالالايسىز. خەتلىتىش ئۈچۈن يېڭى ھېسابات قۇرۇش نى چەكسىڭىز بولىدۇ.

  4. Launchpad قا كىرگەندىن كېيىن، قىسقىچە مەزمۇنى (summary) دېگەن يەرگە مەسىلىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىنى يازىسىز.

  5. كېيىنكىسى نى باسسىڭىز Launchpad ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەمتۈك مەلۇم قىلىنغانمۇ يوق ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئەگەر كەمتۈك ئاللىقاچان مەلۇم قىلىنغان بولسا، بۇنىڭ سىزدىمۇ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. يەنە كەمتۈك مەلۇماتىغا مۇشتەرى بولۇپ قويسىڭىز ئۇنىڭ تۈزىتىلىشىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالالايسىز. ئەگەر كەمتۈك تېخى يوللانمىغان بولسا، ياق، مەن يېڭى كەمتۈك مەلۇماتى مەلۇم قىلىمەن نى چەكسىڭىز بولىدۇ.

  6. چۈشەندۈرۈشى دېگەن يەرگە ئامال بار تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈڭ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى 3 نەرسە چوقۇم كىرگۈزۈلسۇن:

    1. سىزنىڭچە قانداق بولسا بولاتتى

    2. ئەمەلىيەتتە قانداق بولدى

    3. ئەگەر مۇمكىن بولسا مەسىلە كۆرۈلگەندە سىز ئېلىپ بارغان قەدەم باسقۇچلارنى يېزىڭ ئۇنىڭ ئۈچىدە بىرىنچىسى «پروگراممىنى قوزغىتىش» ئۇسۇلى بولسۇن.

  7. مەلۇماتىڭىزغا بىر كىملىك نومۇرى بېرىلىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ھالىتى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇبۇنتۇنى ياخشىلاشقا ھەسسە قوشقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر.

ئەگەر سىز «بۇ ئۇبۇنتۇ بوغچىسىدىكى مەسىلە ئەمەس(This is not a genuine Ubuntu package)» دېگەن خاتالىق ئۇچۇرىغا ئېرىشسىڭىز، سىز مەلۇم قىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئۇبۇنتۇغا تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇبۇنتۇنىڭ كەمتۈك مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى كارغا كەلمەيدۇ.

ئۇبۇنتۇدا كەمتۈك مەلۇم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، كەڭ دائىرىلىك بولغان توردىكى قوللانما نى ئوقۇڭ.