ئالاھىدە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈش

كۆپلىگەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىلىرىدا، ھەرپتاختىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە كىرگۈزۈشكە بولمايدىغان مىڭلىغان ھەرپلەرنى كىرگۈزۈشكە ۋە كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ بەتتە ئالاھىدە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈشنىڭ باشقا خىل ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ ئوتىمىز.

ھەرپ خەرىتىسى

گىنومدا ھەرپ خەرىتىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈش پروگراممىسى بار. بۇ پروگراممىدا بارلىق يۇنىكود ھەرپلىرىنى كۆرگىلى، ئۇنى كۆچۈرۈپ خالىغان يەرگە چاپلىغىلى بولىدۇ.

تاختادا ھەرپ-بەلگە خەرىتىلەش جەدۋىلى نى تاپالايسىز. ھەرپ-بەلگە خەرىتىلەش جەدۋىلىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ھەرپ-بەلگە خەرىتىلەش جەدۋەل قوللانمىسىدىن پايدىلىنىڭ.

بىرىكمە كۇنۇپكا

بىرىكمە كۇنۇپكا ئالاھىدە كۇنۇپكا بولۇپ، بىر قانچە كۇنۇپكىنى ئارقىمۇ ئارقا بېسىش ئارقىلىق ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىگە ئېرىشەلەيسىز. مەسىلەن، ئۇرغۇ ھەرپى é كىرگۈزۈشتە، compose كۇنۇپكىنى بېسىپ ئاندىن ' نى بېسىپ ئاندىن يەنە e نى بېسىڭ.

ھەرپتاختىدا مەخسۇس بىرىكمە كۇنۇپكا(compose) بولمايدۇ شۇڭلاشقا ئۆزىڭىز ھەرپتاختىدا بار بىر كۇنۇپكىنى بىرىكمە كۇنۇپكا (compose) قىلىپ بەلگىلەڭ.

بىرىكمە كۇنۇپكىنى بەلگىلەش

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. رايون ۋە تىل نى چېكىسىز.

  3. جايلاشتۇرۇش بەتكۈچنى تاللاپ تاللانمانى چېكىڭ.

  4. Find the group called Compose key position. Select the key or keys you would like to behave as a compose key. You can choose keys like Caps Lock, either of the Alt keys, or the menu key. Any keys you select will then only work as a compose key, and will no longer work for their original purpose.

سىز بىرىكمە كۇنۇپكا (compose) ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان دائىم ئىشلىتىدىغان ھەرپلەرنى كىرگۈزەلەيسىز، مەسىلە:

  • compose كۇنۇپكىنى بېسىپ ئاندىن ' ھەرپنى بېسىپ ئاندىن ئۇرغۇ بەلگىسى بار ھەرپنى بېسىڭ، مەسىلەن: é.

  • Press compose then ` (back tick) then a letter to place a grave accent over that letter, such as è.

  • compose كۇنۇپكىنى بېسىپ ئاندىن " ھەرپنى بېسىپ ئاندىن قوش پەش بەلگىسى بار ھەرپنى بېسىڭ، مەسىلەن: ë.

  • compose كۇنۇپكىنى بېسىپ ئاندىن - ھەرپنى بېسىپ ئاندىن سوزۇش بەلگىسى بار ھەرپنى بېسىڭ، مەسىلەن: ē.

تېخىمۇ كۆپ بىرىكمە كۇنۇپكا (compose)غا ئائىت مەزمۇننى Wikipedia دىكى بىرىكمە كۇنۇپكا بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.

كودى ئارىلىق كىرگۈزۈش

ھەرپنىڭ كود ئورنىغا ئاساسەن ھەرپتاختىدىن ھەر قانداق يۇنىكود ھەرپنى كىرگۈزەلەيسىز. ھەر بىر ھەرپنى تۆرت خانىلىق ھەرپ كودى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بىر ھەرپنىڭ كود نومۇرىنى تېپىشتا، ھەرپ-بەلگە خەرىتىلەش جەدۋىلى پىروگراممىسىدا شۇ ھەرپنى تېپىپ، ھالەت بالداقنى كۆرۈڭ ياكى ھەرپ تەپسىلاتى بەتكۈچتىن كۆرۈڭ. كود نومۇرى U+ دىن كېيىن تۆرت ھەرپ.

كود نۇقتىسى ئارقىلىق ھەرپ كىرگۈزۈشتە Ctrl ۋە Shiftنى بېسىپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن u نى كىرگۈزۈپ ئاندىن تۆرت خانىلىق كود نۇقتىسىنى كىرگۈزۈپ ئەڭ ئاخىرىدا Ctrl ۋە Shift قويۇپ بېرىسىز. ئەگەر باشقا ئۇسۇلدا بەزى ھەرپلەرنى ئاسان كىرگۈزەلمىسىڭىز، بۇ خىل ئۇسۇلنى بىلىۋېلىپ ھەرپنىڭ كود نۇقتىسىنى ئەستە تۇتۇۋالسىڭىز ناھايىتى قولاي بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا شۇ ھەرپلەرنى تېز سۈرئەتتە كىرگۈزەلەيسىز.

ھەرپتاختا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

ھەرپتاختىغا بېسىلغان ھەرپلەرگە پەرۋا قىلماي ھەرپتاختىنى باشقا بىر تىلدىكى ھەرپتاختا سۈپىتىدە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تىزىملىك بالداقتىكى سىنبەلگىنى ئىشلىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ھەرپتاختا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارىسىدا قولاي ھالدا ئالماشتۇرالايسىز. مەشغۇلاتىنى باشقا كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشلىتىش دىن كۆرۈڭ.

كىرگۈزگۈچلەر

كىرگۈزگۈچ ھەرپتاختا ۋە باشقا كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىپ ئۈستىدىكى ئۇسۇل بويىچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدۇر. مەسىلەن، سىز چاشقىنەك قول ئىشارىتى ئارقىلىق ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز ياكى لاتىنچە ھەرپتاختىدا ياپونچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

كىرگۈزگۈچ تاللاشتا، كىرگۈزۈش ئەپچىدە چاشقىنەكنى ئوڭ چېكىپ، كىرگۈزگۈچ تىزىملىكىدە لازىملىك كىرگۈزگۈچتىن بىرنى تاللاڭ. تېخى تولۇق ئەمەلىي بىر تۇتاش ئۆلچەمگە ئايلانمىغان كىرگۈزگۈچنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كىرگۈزگۈچنىڭ قوللانمىسىدىن پايدىلىنىڭ.