كومپيۇتېرىمدا ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمىدىم

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمىسا ، مەسىلەن نەغمە چالغاندا، مەسىلە ھەل بولامدۇ يوق تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى سىناپ كۆرۈڭ.

ئاۋازنىڭ ئۈنسىز بولۇپ قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ

تىزىملىك بالداقتىكى (ياڭراتقۇ شەكىلدە) ئاۋاز تىزىملىكى نى چېكىپ ئاۋازنىڭ ئۈنسىز ھالەتتە ياكى ئەڭ تۆۋەن ئاۋازغا تەڭشەلگەنلىكىنى جەزملەڭ.

بەزى خاتىرە كومپيۇتېرلارنىڭ ھەرپتاختىسىدا ئۈنسىز ھالەتكە ئۆتىدىغان ئايلاندۇرغۇچى ياكى كۇنۇپكىلىرى بولىدۇ — ئۈنسىز ھالەتتىن تۈزىلەمدۇ يوق شۇ كۇنۇپكىلارنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ.

ئاۋاز قويىدىغان پروگراممىلىرىڭىزنىڭ(مەسىلەن نەغمە چالغۇچ ياكى كىنو قويغۇچ دېگەندەك) ئاۋازىنى ئۈنسىز ھالەتكە ئەكېلىپ قويغان ياكى قويمىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. بۇ پروگراممىنىڭ ئاساسلىق كۆزنىكىدە ئۈنسىز ھالەتكە ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئاۋازنى تەڭشەيدىغان كۇنۇپكا بولۇشى مۇمكىن، شۇلارنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. تىزىملىك بالداقتىكى ئاۋاز تىزىملىكىنى چېكىپ ئاۋاز تەڭشىكى نى تاللاڭ. ئاۋاز كۆزنىكى ئېچىلغاندا، پىروگرامما بەتكۈچكە يۆتكىلىپ پىروگراممىڭىزنىڭ بۇ ئورۇندا ئۈنسىز ھالەتتە تەڭشىلىپ قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.

ياڭراتقۇنىڭ ئوچۇق ھەمدە توغرا ئۇلانغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا سىرتقى ياڭراتقۇ بولسا، ئۇلارنىڭ ئوچۇق ھالەتتە ئاۋازى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكنى جەزملەشتۈرۈڭ. ياڭراتقۇنىڭ سىمىنىڭ كومپيۇتېرنىڭ كەينىدىكى "چىقىرىش" ئېغىزىغا توغرا چېتىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ، بۇ ئېغىز ئادەتتە يېشىل رەڭدە يېنىپ تۇرىدۇ.

بەزى ئاۋاز كارتىلىرى قايسى ئېغىزنىڭ چىقىرىش(ياڭراتقۇدىن) قايسى ئېغىزنىڭ كىرگۈزگۈچ(مىكروفوندىن) بولۇشىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ . Linux تىكى چىقىرىش ئېغىزى Windows ياكى Mac OS تىكى بىلەن ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ياڭراتقۇنىڭ سىمىنى باشقا ئاۋاز ئېغىزىغا ئالماشتۇرۇپ چېتىپ كۆرۈڭ.

ئەڭ ئاخىرىدا ئۈن سىمىنىڭ ياڭراتقۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئېغىزغا مۇقىم ئورنىتىلغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ. بەزى ياڭراتقۇلارنىڭ بىر قانچە ئېغىزى بولىدۇ.

توغرا بولغان ئاۋاز ئۈسكۈنىسى تاللاندىمۇ تەكشۈرۈڭ

بەزى كومپيۇتېرلارغا كۆپ «ئاۋاز ئۈسكۈنە»سى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئاۋاز چىقىرىدۇ بەزىلىرى چىقىرالمايدۇ شۇڭلاشقا توغرا ئاۋاز ئۈسكۈنىسىنى تاللىغانلىقىڭىزنى جەزملەڭ. توغرا ئاۋاز ئۈسكۈنىسىنى تاللاش ئۈچۈن قايتا قايتا سىناشقا توغرا كېلىدۇ.

  1. تىزىملىك بالداق تىكى ئاۋاز تىزىملىكى نى چېكىش بىلەن بىرگە ئاۋاز تەڭشىكىنى چېكىڭ.

  2. كۆرۈنگەن ئاۋاز كۆزنىكىدە، تۆۋەندىكى ئاۋاز چىقىرىش ئۈسكۈنىسى تىزىمىدىن ئوخشاش بولمىغان چىقىرىشنى تاللاڭ.

  3. تاللانغان ئۈسكۈنىگە نىسبەتەن، ئاۋاز سىنا نى چېكىڭ. كۆرۈنگەن كۆزنەكتە ھەر بىر ياڭراتقۇنى چېكىڭ. ھەر بىر توپچا پەقەت ئۆزىنىڭ ماس كېلىدىغان ئاۋاز قانىلىدىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلىدۇ.

  4. ئەگەر رولى بولمىسا ئۇنداقتا تىزىمدا كۆرسىتىلگەن باشقا ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشاش مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىڭ.

ئاۋاز كارتىسىنى تونۇيالىدىمۇ تەكشۈرۈڭ

ئاۋاز كارتىڭىزنى توغرا بايقىيالمىدى. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا كومپيۇتېرىڭىز ئاۋاز چالالمايدۇ. ئاۋاز كارتىسىنى توغرا بايقىيالماسلىقنىڭ سەۋەبى ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇسىنى ئورناتمىغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.

  1. باش تاختا كە بېرىپ تېرمىنالنى ئېچىڭ.

  2. aplay -l نى كىرگۈزۈپ Enter نى بېسىڭ.

  3. ئۈسكۈنە تىزىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر چالىدىغان قاتتىق دېتال ئۈسكۈنە بولمىسا، ئاۋاز كارتىڭىزنى بايقىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر ئاۋاز كارتىڭىزنى بايقىيالمىسا ئۇنداقتا قولدا ئۇنىڭ قوزغاتقۇسىنى ئورنىتىشىڭىز لازىم. قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىڭىز ئىشلەتكەن ئاۋاز كارتىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك.

تېرمىنال دىكى lspci بۇيرۇقىنى ئىشلىتىپ، ئاۋاز كارتىسىنىڭ تىپىنى كۆرەلەيسىز. ئەگەر ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە lspci نى ئىجرا قىلماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا تولۇق نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز؛ sudo lspci نى كىرگۈزسىڭىز ئىم سورايدۇ ئىم كىرگۈزۈڭ. ئاۋاز تىزگىنلىگۈچ ياكى ئاۋاز ئۈسكۈنىسى شۇ ئاۋاز كارتىسىنى ياسىغان سودىگەر ۋە تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. sudo lspci -v تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇر تىزىمىنى كۆرسىتىدۇ.

سىز ئىنتېرنېت تورىدىن ئىزدەپ ئاۋاز كارتىڭىزنىڭ قوزغاتقۇسىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن. خاتالىق دوكلاتى يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر ئاۋاز كارتىڭىزنىڭ قوزغاتقۇسىنى تاپالمىسىڭىز ئۇنداقتا يېڭىدىن بىرنى سېتىۋېلىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. كومپيۇتېرنىڭ ئىچىگە ئورنىتىدىغان ئاۋاز كارتىسى ياكى سىرتقى USB ئاۋاز كارتىسى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.