ئاۋاز قويۇلۇۋاتقاندا قاراس-قۇرۇس ۋە گىژىلدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

ئاۋاز قويۇلغاندا ئەگەر سىز قاراس-قۇرۇس ۋە گىژىلدىغان ئاۋازنى ئاڭلىسىڭىز، ئۈن سىمىدا ياكى ئۇلىغۇچتا ياكى ئاۋاز كارتىسى قوزغاتقۇچىدا مەسىلە بولۇش ئېھتىماللىقى بار.

  • ياڭراتقۇنىڭ توغرا قىستۇرۇلغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.

    ئەگەر ياڭراتقۇ تولۇق چېتىلمىغان بولسا ياكى خاتا ئېغىزغا چېتىلغان بولسا ، سىز گاژىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىشىڭىز مۇمكىن.

  • ياڭراتقۇ/نائۇشنىكنىڭ سىمىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈڭ

    سىم ياكى ئۇلىغۇچ ئىشلەتكەنسېرى ئۇپرايدۇ. سىم ياكى نائۇشنىكنى باشقا ئۇن قويغۇچى ئۈسكىنىگە(MP3 ياكى CD قويغۇچ دېگەندەك) چىتىڭ ، يەنىلا غەلىتە ئاۋاز بارمۇ يوق سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر بولسا سىم ياكى نائۇشنىكنى ئالماشتۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

  • ئاۋاز قوزغاتقۇچىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكنى تەكشۈرۈڭ.

    بەزى ئاۋاز كارتىلىرى Linux مۇھىتىدا ئانچە ياخشى ئىشلىمەيدۇ، سەۋەبى ئۇلارنىڭ دېگەندەك ياخشى قوزغاتقۇچى پروگراممىلىرى يوق. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تولىمۇ قىيىن.باشقىلارمۇ سىز ئۇچۇرغانغا ئوخشاش مەسىلىگە ئۇچۇردىمۇ يوق، ئاۋاز كارتىڭىزنىڭ ماركىسى ۋە تىپىنى "Ubuntu" دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرگە ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ كۆرۈڭ.

    تېرمىنال دا sudo lspci -v دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلسىڭىز ئاۋاز كارتىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز.