كۆزنەك مەشغۇلاتلىرى

كۆزنەك چوڭلۇقىنى تەڭشىگىلى ياكى يوشۇرۇپ خىزمەت تەرتىپىگە ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

كىچىكلىتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېپىش

كۆزنەكنى كىچىكلىتىش ياكى يوشۇرۇش ئۈچۈن:

  • پروگراممىنىڭ تىزىملىك بالدىقى دىكى - توپچىنى چېكىڭ. ئەگەر پروگرامما كۆزنىكى ئەڭ چوڭ ھالەتتە(پۈتكۈل ئېكراننى مۇشۇ كۆزنەكلا ئىگىلىگەن) بولغان بولسا، تىزىملىك بالدىقى ئېكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ. باشقا ھالەتتە، پروگرامما كۆزنىكىنىڭ ئەڭ ئۈستى قىسمىدا كۆرۈنىدۇ.

  • Alt+Space نى بېسىپ كۆزنەك تىزىملىكى كۆرۈنگەندىن كېيىن nنى باسسا, كۆزنەك ئىجراچىدىن ‹غايىپ› بولۇپ كېتىدۇ.

كۆزنەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن:

  • قوزغىغۇچتا ئۇنى چېكىپ ياكى Alt+Tabنى بېسىپ كۆزنەك ئالماشتۇرۇشتىن ئىزدىيەلەيسىز.

كۆزنەكنى يېپىش ئۈچۈن:

  • كۆزنەكنىڭ ئۈستى سول بۇلۇڭىدىكى x نى چەكسە ياكى،

  • Alt+F4 نى باسىسىز، ياكى

  • Alt+Space نى بېسىپ كۆزنەك تىزىملىكى كۆرۈنگەندىن كېيىن cنى باسسا بولىدۇ.

چوڭلۇقىنى ئۆزگەرت

كۆزنەك ئەڭ چوڭ قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

توغرا/تىك يۆنىلىشتىلا چوڭايتىش-كىچىكلىتىش ئۈچۈن:

  • چاشقىنەك نۇر بەلگىسىنى كۆزنەكنىڭ خالىغان بۇلۇڭىغا يۆتكەپ «بۇلۇڭ نۇر بەلگە» كۆرۈنگەندىن كېيىن چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرەپ خالىغان يۆنىلىشتە كۆزنەك چوڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيسىز.

توغرا يۆنىلىشتىلا چوڭايتىش-كىچىكلىتىش ئۈچۈن:

  • چاشقىنەك نۇر بەلگىسىنى كۆزنەكنىڭ خالىغان ئوڭ سول يېنىغا يۆتكەپ «يان سىزىق نۇر بەلگە» كۆرۈنگەندىن كېيىن چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرەپ، توغرىسىغا يۆنىلىشتە كۆزنەك چوڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيسىز.

تىك يۆنىلىشتىلا چوڭايتىش-كىچىكلىتىش ئۈچۈن:

  • چاشقىنەك نۇر بەلگىسىنى كۆزنەكنىڭ ئاستى ئۈستى يېنىغا يۆتكەپ «ئۈستى يا ئوق نۇر بەلگە» ياكى «ئاستى يا ئوق نۇر بەلگە» كۆرۈنگەندىن كېيىن چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرەپ، بويىغا يۆنىلىشتە كۆزنەك چوڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيسىز.

خىزمەت رايونىدا كۆزنەكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش

ئىككى كۆزنەكنى يانمۇيان قويۇش ئۈچۈن:

  • كۆزنەكنىڭ ماۋزۇ بالداقنى چېكىپ ئېكراننىڭ سول يېنىغا سۆرەيسىز. چاشقىنەك ئىسترېلكىسى ئېكران گىرۋىكىگە تەگكەندە سول تەرپتىكى يېرىم ئېكران گەۋدىلىك كۆرۈنىدۇ. چاشقىنەك كۇنۇپكىسى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بۇ كۆزنەك سول يېرىم ئېكرانغا لىق تولىدۇ.

  • باشقا كۆزنەكنى ئوڭ تەرەپكە سۆرەڭ: ئوڭ يېرىم ئېكران يورۇغاندا چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى قويۇپ بېرىڭ. ھەر بىر ئېكران ئېكراننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

Alt كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، كۆزنەكنىڭ خالىغان يېرىدە چاشقىنەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يۆتكىسە كۆزنەك يۆتكىلىدۇ. بەزىلەر پروگرامما كۆزنىكىنىڭ ماۋزۇ بالدىقىنى چاشقىنەك بىلەن بېسىپ تۇرۇپ يۆتكەش ئارقىلىق كۆزنەكنى يۆتكەشنى ياخشى كۆرىدۇ.