ھوقۇقى چەكلەنگەن مېھمان ھېساباتى بىلەن قوزغىتىش

ھوقۇقى چەكلەنگەن ۋاقىتلىق بولغان ھېسابات

بەزىدە دوستلىرىڭىز، ياكى ئائىلىڭىزدىكى باشقىلار ياكى ساۋاقداشلىرىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنى ئارىيەت ئالىدىغان ئىشلار چىقىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىخەتەرلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان مېھمان ئەڭگىمە ئىقتىدارى بەكمۇ ئەسقاتىدۇ. بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغاچقا بىرەرىگە خاتىرجەم بېرىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارىنى كومپيۇتېرغا كىرەلەيدىغان خالىغان ئىشلەتكۈچى ئىشلىتەلەيدۇ.

مېھمان ئەڭگىمەسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، تىزىملىك بالداق دىكى ئاتىڭىزنى چېكىپ، مېھمان ئەڭگىمەسى نى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ھازىرقى بارلىق نەرسىڭىز قۇلۇپلىنىپ، مېھمان ئەڭگىمەسى ئىجرا بولىدۇ. مېھمان باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ماكان قىسقۇچىنى كۆرەلمەيدۇ، مېھمان ساقلىغان سانلىق-مەلۇماتلار ياكى مېھمان ئېلىپ بارغان تەڭشەشلەرنىڭ ھەممىسى سىستېمىدىن چىققان ۋاقىتتا ئۆچۈرۈلىدۇ ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇلىدۇ. دېمەك، ھەر بىر مېھمان ئەڭگىمەسى يېڭى ھالەتتە باشلىنىدۇ ۋە ئالدىنقى قېتىملىق مېھماننىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.