ئۈستەلئۈستىنى ھەمبەھىرلەش

ئۈستەلئۈستىنى كۆرىدىغان پروگرامما ئارقىلىق باشقا بىر كومپيۇتېرنىڭ ئۈستەلئۈستىنى كۆرگىلى ۋە باشقۇرغىلى بولىدۇ. ئۈستەلئۈستىنى ھەمبەھىرلەش نى سەپلەش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۈستەلئۈستىنى زىيارەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرەلەيسىز ۋە بىخەتەرلىك مايىللىقىنى تەڭشىيەلەيسىز.

  1. باش تاختا دىكى ئۈستەلئۈستى ھەمبەھىرى نى ئاچىسىز.

  2. باشقىلارنىڭ ئۈستەلئۈستىڭىزنى كۆرۈشىگە ئىجازەت بېرىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۈستەلئۈستىڭىزنى كۆرۈشىگە ئىجازەت نى ئىناۋەتلىك قىلىسىز. بۇنىڭ بىلەن باشقىلار سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا باغلىنالايدۇ.

  3. باشقىلارنىڭ ئۈستەلئۈستىڭىزنى باشقۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۈستەلئۈستىڭىزنى باشقۇرۇشىغا ئىجازەت نى ئىناۋەتلىك قىلىسىز. بۇنىڭ بىلەن باشقىلار سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا باغلىنىپ، چاشقىنىكىڭىزنى يۆتكەپ، پروگراممىلىرىڭىزنى ئىجرا قىلىپ، ھۆججەتلىرىڭىزنى كۆرەلەيدۇ. بۇلار سىز بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك تەڭشىكىگە باغلىق.

بىخەتەرلىك

بىخەتەرلىك تاللانمىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئاۋۋال، ھەر بىر بىخەتەرلىك تاللانمىسىنىڭ مەنىسى ئېنىق بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.

كومپيۇتېرىڭىزنى زىيارەت قىلغۇچى سىزنىڭ تەستىقىڭىزدىن ئۆتسۇن

بىرەرى كومپيۇتېرىڭىزنى زىيارەت قىلماقچى بولسا، سىز ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلسىڭىز ئاندىن ئۇ كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشلىتەلەيدىغان قىلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر كومپيۇتېرغا بولغان ھەر بىر زىيارەتنى جەزملەنسۇن نى ئىناۋەتلىك قىلىڭ. ئەگەر بۇ ئىناۋەتلىك بولمىسا، زىيارەتچىلەر تەستىقىڭىزسىز كومپيۇتېرىڭىزنى كۆرۈۋېرىدۇ.

بۇ تاللانما كۆڭۈلدە ئىناۋەتلىك قىلىنغان.

ئىمنى ئىناۋەتلىك قىلىش

باشقىلار ئۈستەلئۈستىڭىزگە باغلانغاندا چوقۇم ئىم كىرگۈزىدىغان بولسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى بۇ ئىمنى كىرگۈزۈشى زۆرۈر: نى تاللاڭ. ئەگەر بۇ تاللانما تاللانمىسا، ھەممە كىشى ئۈستەلئۈستىڭىزنى كۆرۈۋالالايدۇ.

ئادەتتە بۇ تاللانما ئىناۋەتسىز قىلىنغان، سىز چوقۇم ئۇنى ئىناۋەتلىك قىلىشىڭىز ۋە ئىم بېكىتىشىڭىز كېرەك.

ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۈستەلئۈستىنى زىيارەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىش

ئەگەر سىزنىڭ تور يېتەكچىڭىز(router) دە UPnP Internet Gateway Device Protocol نى ئىشلەتكىلى بولسا ۋە ئىناۋەتلىك قىلىنغان بولسا، سىز يەرلىكتىكىلا ئەمەس دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ئىشلەتكۈچىگە كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشلىتەلەيدىغان قىلالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېغىزلارنى يوللاش ئۈچۈن UPnP يېتەكچىنى ئاپتوماتىك سەپلە نى تاللاڭ. ياكى يېتەكچىنى قولدا سەپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ تاللانما ئادەتتە ئىناۋەتسىز قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇش رايونى سىنبەلگىسىنى كۆرسىتىش

ئۈستەلئۈستىڭىزنى كۆرۈۋاتقان بىرەرىنى ئۈزۈۋېتەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن، بۇ تاللانمىنى ئىناۋەتلىك قىلىڭ. ئەگەر ھەمىشە نى تاللىسىڭىز، باشقىلار ئۈستەلئۈستىڭىزنى كۆرۈۋاتقان بولسۇن بولمىسۇن ھەمىشە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئەگەر بۇ تاللانما ئىناۋەتسىز قىلىنسا، كومپيۇتېرىڭىزغا بىرەر ئۇلانغان بولسىمۇ بىلمەي قالىسىز. ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ بىخەتەرلىك تەڭشەكلىرىڭىزگە باغلىق.