ئىشلىتىدىغان تىلنى ئۆزگەرتىش

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزغا تىل بوغچىسى توغرا ئورنىتىلغان بولسا ئۇنداقتا نەچچە ئون خىل تىلدىكى خالىغان بىرىدە ئۈستەلئۈستى ۋە ئەپلەرنى ئىشلىتەلەيسىز.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. تىل قوللىشى نى چېكىسىز.

  3. تىل بەتكۈچىدىن ئارزۇ قىلغان تىلنى تاللايسىز. ئۇنى تىزىمنىڭ ئەڭ ئۈستىگە سۆرەپ ئاپىرىسىز.

  4. چىقىپ قايتا كىرسىڭىز تاللىغىنىڭىز ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى چىقىش دېگەن سىنبەلگىنى چېكىپ چىقىپ كېتىڭ.

بەزى پروگراممىلارنىڭ تەرجىمىسى تېخى تولۇق ئەمەس، شۇڭا بەزى يەرلەر يەنىلا ئىنگلىزچە كۆرۈنىدۇ.

ماكان مۇندەرىجە ئىچىدە بىر قانچە ئالاھىدە قىسقۇچلار (مۇزىكا(music)، سۈرەتلەر(pictures) ۋە پۈتۈكلەر(documents) دېگەندەك) بار. بۇلارنىڭ ئاتلىرىنىمۇ سىز تاللىغان تىلغا ئاساسەن ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. قايتا كىرگەن ۋاقتىڭىزدا بۇلارنىڭ ئاتلىرىنى تاللىغان تىلغا ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئەگەر سىز داۋاملىق مۇشۇ تاللىغان تىلنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۇلارنىڭ ئاتىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىنىڭىز ياخشى.

سىستېما تىلىنى ئۆزگەرتىش

تىلنى ئۆزگەرتكەندە تىزىمغا كىرگەندىن كېيىنكى ھېساباتنىڭ تىلىنىلا ئۆزگەرتتىڭىز. يەنە سىستېما تىلىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيسىز، بۇ تىزىمغا كىرىش ئېكرانى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

  1. ئۈستىدە كۆرسىتىلگەندەك، تىلنى ئۆزگەرتىسىز.

  2. سىستېما مىقياسىدا قوللان نى چېكىسىز.

  3. باشقۇرغۇچى ھوقۇقى زۆرۈر. ئىم كىرگۈزۈڭ يېكى تەلەپ قىلغان باشقۇرغۇچى ھېساباتى ئىمنى كىرگۈزۈڭ.

تىل ۋە يەرلىك پىچىملار ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ كۆرسەتمىلەرنى تىل قوللاش ياردىمى دىن تاپالايسىز.