چېسلا ۋە ئۆلچەملەرنىڭ پىچىمىنى ئۆزگەرتىش

چېسلا، سان، پۇل ۋە يەرلىك ئادەتكە ئۇيغۇن ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ پىچىمىنى تىزگىنلىيەلەيسىز.

  1. تىزىملىك بالدىقىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگىنى چېكىسىز ۋە سىستېما تەڭشىكى نى تاللايسىز.

  2. تىل قوللىشى نى ئېچىپ يەرلىك پىچىملار بەتكۈچىنى تاللايسىز.

  3. ئىشلىتىشنى ياقتۇرىدىغان پىچىم ئەڭ ماس كېلىدىغان رايوننى تاللاڭ. كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا بۇ تىزىم پەقەت تىل بەتكۈچتە تەڭشەلگەن تىل رايونىنىلا كۆرسىتىدۇ.

  4. تىزىمدىن چىقىپ قايتا كىرسىڭىز تاللىغىنىڭىز ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تىزىملىك بالداقنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تىزىمدىن چىقىش دېگەن سىنبەلگىنى چېكىپ تىزىمدىن چىقىڭ.

بىر رايوننى تاللىغاندىن كېيىن تىزىمنىڭ ئاستىدىكى رايوندا چېسلا ۋە باشقا قىممەتلەرنى قانداق كۆرسىتىدىغان مىسال كۆرۈنىدۇ. گەرچە مىسالدا كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، رايون تەڭشىكىڭىز يىلنامەدىكى ھەپتىنىڭ قايسى كۈندىن باشلىنىدىغانلىقىنى تىزگىنلەيدۇ.

سىستېما پىچىمىنى ئۆزگەرتىش

رايون پيچىمىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تىزىمغا كىرگەندىن كېيىنكى تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىسىز. يەنە سىستېما پىچىمى نىمۇ ئۆزگەرتەلەيسىز، ئۇ پىچىم تىزىمغا كىرىش قاتارلىق ئېكرانلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

  1. ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن پىچىمىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ.

  2. سىستېما مىقياسىدا قوللان نى چېكىسىز.

  3. باشقۇرغۇچى ھوقۇقى زۆرۈر. ئىم كىرگۈزۈڭ يېكى تەلەپ قىلغان باشقۇرغۇچى ھېساباتى ئىمنى كىرگۈزۈڭ.

تىل ۋە يەرلىك پىچىملار ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ كۆرسەتمىلەرنى تىل قوللاش ياردىمى دىن تاپالايسىز.