ئېكران كۆرۈنۈشلىرى

سىز ئېكراندىن رەسىم تۇتالايسىز. بۇ باشقىلارغا كومپيۇتېردا قانداق مەشغۇلات قىلىشنى كۆرسەتكەندە ناھايىتى كېرەكلى؛ ئېكراندىن رەسىم تۇرۇش ئادەتتىكى رەسىم ھۆججىتى بولغانلىقتىن ئېلخەتتە يوللىيالايسىز ھەمدە تورتۇرادا ھەمبەھىرلىيەلەيسىز.

ئېكران كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە ئېلىش

ئېكراننى رەسىمگە ئېلىش ئۈچۈن:

  1. تاختاغا يۆتكىلىپ ئېكران كەسمىسى قورالىنى ئېچىڭ.

  2. كۆرۈنگەن ئېكراندىن رەسىم تۇتىدىغان دائىرىنى تاللاڭ.

    پۈتكۈل ئېكراننى تۇتالايسىز (پۈتكۈل ئۈستەلئۈستىنى تۇت )، ئىشلىتىۋاتقان كۆزنەكنى تۇتالايسىز (نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى تۇت)، ئېكران گىرۋىكىنى سۆرەش ئارقىلىق ئېكران دائىرىسىنى تۇتالايسىز (تۇتىدىغان دائىرىنى تاللا)

  3. ئېكران كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئال نى چېكىسىز.

    ئەگەر تۇتىدىغان دائىرىنى تاللا تاللانسا ئۇنداقتا نۇر بەلگىسى قوشۇش بەلگىسىگە ئۆزگىرىدۇ. ئېكراندىن سۈرەت تۇتىدىغان دائىرىنى چېكىپ سۆرىسىڭىز بولىدۇ.

  4. ھازىر ئېكران كەسمىسىنى ساقلا كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. ئېكران كەسمىسىنى ساقلايدىغان ئورۇننى تاللاپ ساقلانى چېكىڭ.