بېسىپ چىقارغان قەغەزدە نېمىشقا داغلار، سىزىقلار ياكى غەلىتە رەڭلەر چىقىپ قالىدۇ؟

ئەگەر بېسىپ چىقارغان قەغەزدە تاسماق سىزىق، رەڭگى سۇس ياكى ئوشۇق سىزىق بېسىلغان بولسا ۋە ياكى سۈپەت مەسىلىسى بولسا ئۇنداقتا بۇ خەت باسقۇنىڭ مەسىلىشى بولۇشى مۇمكىن، سىياھ ياكى رەڭلىك سىياھ ئاز قالغان بولۇشى مۇمكىن.

  • مەتىن ياكى سۈرەت رەڭگى سۇس

    سىياھ ياكى رەڭلىك سىياھ تۈگىگەن. ئەگەر زۆرۈر بولسا سىياھ ياكى رەڭلىك سىياھنىڭ قانچىلىك قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ يېڭى سىياھ سېتىۋېلىڭ.

  • تاسماق سىزىق ۋە سىزىقلار

    ئەگەر سىياھ پۈركۈيدىغان خەت باسقۇ بولسا بېسىش بېشى پاسكىنا بولۇپ كەتكەن ياكى توسۇلغان. بېسىش بېشى(خەت باسقۇنىڭ ئىشلىش قوللانمىسىدىن پايدىلىنىڭ)نى تازىلاپ سىناپ بېقىڭ.

  • رەڭلەر نورمال ئەمەس

    سىياھ ياكى رەڭلىك سىياھ تۈگىگەن. ئەگەر زۆرۈر بولسا سىياھ ياكى كۇكۇن سىياھنىڭ قانچىلىك قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ يېڭى سىياھ سېتىۋېلىڭ.

  • ھەرە چىشى سىزىق ياكى سىزىق تۈز ئەمەس

    ئەگەر بېسىلغان قەغەزدىكى سىزىقلار ھەرە چىشى شەكلىدە بولسا ئۇنداقتا بېسىش بېشىنى توغرىلاش كېرەك. قانداق مەشغۇلات قىلىشنىڭ تەپسىلاتىنى خەت باسقۇ ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن پايدىلىنىڭ.