قەغەز قىسىشنى تازىلا

بەزىدە خەت باسقۇ قەغەزنى خاتا يۈتۈۋېلىپ قەغەزنى قىسىۋالىدۇ.

ئادەتتە خەت باسقۇنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىدا قىسىۋالغان قەغەزنى قانداق تازىلاش ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بولىدۇ. ئادەتتە بىر خەت باسقۇ تاختىسىنى ئېچىپ قىسىلىپ قالغان قىسىمنى تېىپ ئاندىن قىسىۋالغان قەغەزنى قەغەز تەمىنلەش قۇرۇلمىسىدىن ئاستا سۇغۇرىۋالىمىز (ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭ!).

قىسىۋالغان قەغەزنى تازىلىۋەتكەندىن كېيىن داۋاملاشتۇر توپچىنى بېسىپ بېسىشنى قايتا باشلايسىز. بەزى خەت باسقۇلارغا نىسبەتەن ئاۋال خەت باسقۇنى تاقاپ ئاندىن قايتا ئېچىپ ئۇنىڭدىن كېيىن بېسىش ۋەزىپىسىنى قايتا باشلايسىز.