ئوخشاش بولمىغان تەرتىپتە قەغەزگە بېسىش

ئەكسىچە

ئادەتتە خەت باسقۇ بىرىنچى بەتنى باسىدۇ ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى بەتنى باسىدۇ، شۇڭلاشقا بېسىپ چىقارغان بەتنىڭ تەرتىپى ئەكسىچە بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولسا ئەكسىچە تەرتىپتە باسالايسىز.

تەرتىپىنى تەتۈر قىلىش ئۈچۈن:

  1. ھۆججەت ◂ بېسىپ چىقار نى چېكىسىز.

  2. بېسىش كۆزنىكىدىكى ئادەتتىكى بەتكۈچتىن نۇسخانى تېپىپ، ئەكسىچەنى تاللاڭ. مۇشۇنداق بولغاندا ئالدى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بەتنى بېسىپ، ئاندىن كەينىدىن ئالدىغا داۋاملىشىدۇ.

بەت ئايرىش

ئەگەر پۈتۈكنى بىر نەچچە نۇسخا باسماقچى بولغاندا كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا چىقارغاننى بەت بويىچە گۇرۇپپىلايدۇ(يەنى ئالدى بىلەن ھەر بىر نۇسخىنىڭ بىرىنچى بېتىنى باسىدۇ ئاندىن ھەر بىر نۇسخنىڭ ئىككىنچى بېتىنى باسىدۇ، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ). شۇنداقتىمۇ، بەت ئايرىش ھەر بىر نۇسخىنى گۇرۇپپىغا ئايرىغان بەت بويىچە توغرا تەرتىپتە بېسىپ چىقىرىدۇ.

بىر بىرلەپ بېسىش:

  1. ھۆججەت ◂ بېسىپ چىقار نى چېكىسىز.

  2. بېسىش كۆزنىكىدىكى ئادەتتىكى بەتكۈچتىن نۇسخانى تېپىپ، بەت ئايرىشنى تاللاڭ.